سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىتتىپاقى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇندى
جاھان ئاگېنتلىقى 25-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىن سۇرىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن قۇرۇش ۋە دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە يوللاشنى تەلەپ قىلدى.
سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئالاھىدە ۋەكىلى نەجىب غەدبىيان، تۈنۈگۈن ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە ئېچىلىدىغان سۇرىيە يىغىنىدىن بۇرۇن كىڭەش مەمۇرىيتىگە ئىلتىماس مەكتۇبىنى ئەۋەتىپ بىر قانچە تەلەپلەرنى سۇندى.
غەدبىيان، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش قارارىغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى، ۋارىل بومبىسى بىلەن پۇقرالارغا قارىتا خىمىيلىك قۇرال ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يۇقارقىلارنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيەنىڭ مەلۇم رايۇنىدا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن قۇرۇش قارارى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
غەدبىيان، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن قۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغان ئەھۋالدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالىنىڭ كەم دىگەندە يۈزدە 30% تۆۋەنلەيدىغانلىقى ۋە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈشنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋال سۇرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن سۇرىيەلىكلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. دېدى.
غەدبىيان، سۇرىيەدە ئەسەد تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان رايۇنلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ۋە بۇ رايۇنلاردا ياشىۋاتقان 640 مىڭ كىشىگە ياردەم يەتكۈزۈلۈشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۆلەتتىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، سۇرىيەدىكى ئىنسانىي كىرزىس ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۇۋەيتتە ئېچىلىدىغان ياردەم يىغىنىدا ب د ت تەرەپ نىشان قىلغان 8.4 مىليارد دوللارنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۆپراق قوللاش كىرەكلىكىنى ئېيتتى.
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى، ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىب رايۇنى ئەتراپىدا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «كلور گېزى»ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە سۇرىيەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلىشى ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى روسىيە ۋە جۇڭگو رەت قىلغان ئىدى. يېڭى لايىھە سۇنۇلغان ئەھۋالدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەنە رەت قىلىش ھۇقۇقىنى ئىشلىتىشى كۈتۈلمەكتە.
26-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
|
 |
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
|
 |
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
|
 |
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
|
 |
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
|
 |
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
|
 |
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
|
 |
مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
|
 |
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
|
 |
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
|