پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك توى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 21 دە 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 7-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ۋىرونادا ئوينالدى. يەنى ۋىرونا كۇلۇبى ساھىبخان بۇلۇپ ئا س مىلان كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئابات پاس تاشلاش داۋامىدا قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسىغا تېگىپ كېتىپ خائىن توپ كىردى. شارارى چىرايلىق ياردەمچى پاس بەردى. خوندا بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا خوندا رامىنىڭ بەرگەن ئۇزۇن پېسىنى ئېلىپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. لوپىس ۋىرونا كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. تۇلۇقلىما ۋاقىتتا ماكىس بىناۋىنتىراغا قارىتا قاتتىق ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. ئاخىرىدا ۋىرونا كۇلۇبى 1-3 نەتىجە بىلەن ئا س مىلان كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن شارارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان 7.7 نومۇرغا ئېرىشتى. كۆپ قېتىپ قارشى تەرەپنىڭ توپىنى توسىۋالغان قاپقىچى ئابىياتى مۇ 7.8 نومۇرغا ئېرىشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئا س مىلان كۇلۇبىنىڭ غەلبە قىلىشىغا تۆھپە قوشقان خوندا ئەڭ يۇقىرى بولغان 8.2 نومۇرغا ئېرىشتى.
ۋىرونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 1-نومۇر رافىر. 4-نومۇر ماكىس. 33-نومۇر ئاگىستىنى. 25-نومۇر رافىر ماركىس. 18-نومۇر موراس. 11-نومۇر يانكوۋىچ ( 67 مىنۇت بولغاندا گۇستاف بىلەن ئالماشتى.) 10-نومۇر خارفىرىدسون. 23-نومۇر ئىرونىتا (72 مىنۇت بولغاندا لوپىس بىلەن ئالماشتى.) 77-نومۇر تاختىسىدىس. 9-نومۇر تونىي. 21-نومۇر خۇران گومىس (69 مىنۇت بولغاندا نى نى بىلەن ئالماشتى.)
ئا س مىلان كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 32-نومۇر ئابىياتى. 20-نومۇر ئابات. 33-نومۇر ئارىش. 13-نومۇر رامى. 2-نومۇر دېسلىئو. 16-نومۇر بورى. 15-نومۇر ئېسسىن. 4-نومۇر مېنتالىئو. 10-نومۇر خوندا (85 مىنۇت بولغاندا بونىرا بىلەن ئالماشتى.) 9-نومۇر توررىس (69 مىنۇت بولغاندا مىنىر بىلەن ئالماشتى.) 92-نومۇر ئېل شارارى ( 76 مىنۇت بولغاندا بوناۋىنتىرا بىلەن ئالماشتى.)
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى باشقا كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى:
ئىنتىر مىلان كۇلۇبى 2-2 ناپولۇس كۇلۇبى
رىم كۇلۇبى 3-0 چېف كۇلۇبى
يۇۋىنتىس كۇلۇبى 1-1 ساسورو كۇلۇبى
فىلورىنسو كۇلۇبى 0-2 راچىئو كۇلۇبى
دۇلىن كۇلۇبى 1-0 ۋۇدىنىس كۇلۇبى
ئاتلانتا كۇلۇبى 1-0 پارما كۇلۇبى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved