رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن موسكۋادا: رۇسىيە غەربنىڭ جازا مەسىلىسىدە باھا تالاشمايدۇ دېدى.
لاۋروف تۈنۈگۈن موسكۋادا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى لاتۋىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىنكىۋىچىس بىلەن كۆرۈشتى، لاۋروف سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن باراۋەر، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزگەن ئاساستا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ.
لاۋروف مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شەرتىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان جازا قانۇنسىز چەكلەش تەدبىرى، بۇ ئاخىردا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، رۇسىيە بۇ مەسىلىدە باھا تالاشمايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved