ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

بۇرۇنقى زاماندا جاھانغا داڭقى كەتكەن بىر دانىشمەن ئۆتكەنىكەن. ئۇ دائىم ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بىر ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:


ـــ بوپتۇ، سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىقاي، مەندە ئىككى ئەڭگۈشتەر بار، بۇلارنىڭ بىرى بىلەن تۈگىمەس مال - دۇنياغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى بىلەن ئاغرىق - سىلاقتىن نېرى بولۇپ سالامەت ياشىغىلى بولىدۇ. ئەمما، بىرىڭلارغا پەقەت بىرلا ئەڭگۈشتەرنى بېرىشكىلا بولىدۇ. قېنى، قايسىڭلار قايسى ئەڭگۈشتەرنى ئالىسىلەر؟


دانىشمەننىڭ گېپى تۈگىشىگە ئاكىسى: «مەن ئاكا بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال مەن تاللاپ ئېلىۋالاي، ئاندىن قالغىنىنى ئۇكام ئالسۇن.» دەپتۇ. دانىشمەن «ئاكىسىنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بار» دەپ قاراپ، تاللاش ھوقۇقىنى ئاۋۋال ئاكىسىغا بېرىپتۇ.

بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال بولغان ئاكىسى قىلچە ئىككىلەنمەيلا بايلىق ئەڭگۈشتىرىنى تاللاپ ئېلىۋاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇكىسىغا ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرى قاپتۇ. ئۇكىسى ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرىنى ئالغىنىغا قىلچىمۇ نارازى بولماپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى دانىشمەن بىلەن خوشلىشىپ قايتىپتۇ. كىم بىلسۇن، بايلىق ئەڭگۈشتىرىنى ئالغان ئاكىسى مال - دۇنيا بىلەن راھەت ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مال - دۇنياسىمۇ قاپتۇ. ئۇكىسى بولسا ساغلاملىق ئەڭگۈشتىرىنىڭ شاراپىتىدە ساق - سالامەت بولۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ بەختلىك ياشاپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ «ساغلاملىق مال - دۇنيادىن ئارتۇقتۇر، ساغلاملىق بىباھادۇر» دېگەن ھېكمەت ئەل ئىچىدە تاراپتۇ.


دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايەتتىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ساغلام ھايات ھەقىقىي بەختلىك ھاياتتۇر، ئەكسىچە ساغلام بولماي تۇرۇپ بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك مال - دۇنيا بولسىمۇ، گېزى كەلگەندە ھېچنىمىگە ئەرزىمەستۇر.

شۇڭا ئەجدادلىرىمىزمۇ: «تەن ساقلىق ـــ زور بايلىق»، دېگەندەك ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ، بىزنى ئەڭ ئالدى بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆز ساغلاملىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسى بولۇشقا چاقىرىق قىلغان.

ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش ـــ ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلىنىدۇ، شۇڭا بىز ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم. جىسمىمىز ھەم مەنىۋىيىتىمىز ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ساغلام بولغان بولىمىز



خەتكۈچلەر:
15-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-05-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ساداسى «ئاخبارات ۋە گېزىت ئۈزۈندىلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭشى ئۆلكىسى يېقىندا يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك ت...
17-05-2016
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، جىياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم يەسلى پات ئارىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان كىچىك دوستلارنى تەشكىللەپ يەسلى مەيدانىدا ھەر خىل ئۆزگىچە شەكىللەرنى چىقىرىپ ئۆزگىچە بولغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمىگە چۈشۈرگەن بولۇپ، ش...
17-05-2016
         16-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار گىمناستىكا ۋاقتىدا ‹‹شىنجاڭ كىچىك ئالمىسى›› ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئىشلىگەن ‹‹شىنجاڭ كىچىك ئالمىسى›› ئۇسسۇلىغا موڭغۇل، ئ...
16-05-2016
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى، 13- ماي تېلېگراممىسى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭ كەسپىي مائارىپنى ز...
16-05-2016
مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت يېقىندا تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىغا 2016- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ پىلانىنى چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈز...
12-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قى...
11-05-2016
2016-يىلى 9-ماي، چۇڭچىڭ شاڭچىڭسىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابخانىدا كىشىلەر كىتاب كۆرمەكتە. كىتابخانا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، گۈزەل، تىنچ مۇھىت كىتاب يازىدىغانلار ۋە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانىدى، بۇ يەرد...
11-05-2016
    «بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 650 مىڭ بولۇپ تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئ...
10-05-2016
    چەرچەن ناھىيەسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئۇلارغا 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تاقىتىپ بەردى.     ئىگىلىنى...
10-05-2016
    «كىتابخانا تورى www.kitabhana.com» بىلكان شىركىتى ۋە بىر قانچە كىتابخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان تۈر بولۇپ دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نەشرىياتنىڭ قانۇنلۇق نەشر قىلغان ئەڭ يېڭى، بازارلىق، رەسمىي نەشرىدىكى مەتبۇئاتل...
Powered by Leglek