بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
شەرقىي ياۋروپا رايونى ،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزدى .ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي پاراخوتى قارا دېڭىز غا كىردى .ھەمدە ئامېرىكا زېمىنىدىكى جىددىيلىكمۇ ئازراق كۈچەيدى. 5-ماي ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تىنىچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى خىرۋىلىت كارلىسى يېقىندىن بۇيان ، روسىيە يىراق مۇساپىلىق ئىستىراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆپىيىپ ،ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ ياپونىيە كورىيەگە يېقىنلاشقانلىقىنى ،يېقىن بولغاندا گۇئام ئارىلىدىكى ئامېرىكا بازىسىنى چۆرىدەپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى . كارلىس ۋاشىنگىتون ئەقىل ئامبىرى ئامېرىكا سىتىراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە بۇ سۆزنى ئېيتقاندا ،سۈرەتنى چىقىرىپ كۆرسەتكەن .
سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكىنىڭ F-15تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى گۇئام ئارىلىغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان روسىيە ئىستىراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى تۇسۇۋاتقان ئىكەن . كارلىس مۇنداق دېدى :‹ سۈرەتتىكىسى رۇسىيىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى تۇ -95،دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى بۇ بومباردىمانچى ئايروپىلانغا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۇ -95دەپ لەقەم قۇيۇپ قويغان . تۇ -95 يىراق مۇساپىلىك ئىستىراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان 1956-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن ھازىر 150 ى ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ .
11توننا يۈك ئېلىپ ماڭغان تەقدىردىمۇ تۇ -95داۋاملىق 4600كىلومېتىرغا ئۇچالايدىكەن .ھەرخىل تىپلىق تۇ -95 نىڭ بوشلۇقتىكى ئەڭ تېز سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى 900كىلومېتىردىن 1000كىلومېتىرغىچە بولىدىكەن . لېكىن تۇ -95 ئۈچ مىڭ مېتىردىن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا ماس كەلمەيدىكەن . كارلىس تۇ -95 نىڭ كالىفورنىيە دېڭىز تەۋەلىكى ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندىن باشقا ،روسىيە ھەربىي ئايروپىلاننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ،ياپونىيە ۋە كورىيەدە ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەرىكىتىنى كۆرىنەرلىك ئاشۇرغانلىقى ،پاراخوت ھەرىكىتىنىڭمۇ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ‹ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە كورىيەدىكى ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخباراتلىرىنى توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ ،
روسىيە ئارمىيىسى ھەرىكىتىنىڭ كۆپيشى روشەنكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ›. روسىيە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېيتقان تۇ -95 كالىفورنىيە شتاتىنىڭ دېڭىز قىرغىقى ھاۋا بوشلۇقىغا قىستاپ كەلدى دېگەن خەۋىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى . ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ تەپسىلى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىدى . ئەمەلىيەتتە روسىيە يىراق مۇساپىلىق ئىستىراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ چېگرا سىرتىنى چارلاپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بۇلۇپ قالدى . ئامېرىكىلىقلار نېمىشقا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇ ئىشنى تىلغا ئالىدۇ . تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى : ‹ بىرىنچىدىن تۇ -95بۇ قېتىمدا يىراقراق ئۇچتى . ئىككىنچىدىن ،ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى .روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرقانداق كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى غەرب ئەللىرىنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلايدۇ .
روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇ -95نىڭ چېگرا سىرتىدىكى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردىغانلىقى ،چارلاش دائىرىسىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ،شىمالى مۇز ئوكيان ،تىنىچ ئوكيان ، قارا دېڭىز ھەمدە شىمالىي قۇتۇپ ھاۋا تەۋەلىكىگىچە كېڭىيىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . بۇ چارلاش ۋەزىپىسى سىۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىلا بار ئىدى. 92-يىلىغا كەلگەندە ئۇنى توختىتىۋەتكەن ، پۇتىن شۇ چاغدا بۇ چارلاش ۋەزىپىسىنىڭ رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن زۆرۈرلىكى ،باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقى ،روسىيىگە ئوخشاش توختىتىپ قۇيۇپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن . شۇنىڭدىن كېيىن يەنى 2007-يىلى 9-ئايدا ،تۇ -95تىپلىق ئىككى ئايروپىلان ئالياسكا ۋە كانادانىڭ دېڭىز قىرغىقى ھەمدە شىمالىي قۇتۇپىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن .
ئۇچقان ۋاقتى 17 سائەتكە ،ئۇچۇش مۇساپىسى 13 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن . ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن كېيىن ،15-ئاپرېل ياپونىيە رۇسىيىنىڭ تۇ -95 تىپلىق ئالتە دانە ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئەتراپىنى بويلاپ ئۇچقانلىقى ، ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ جىددىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ ،روسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى . 23-ئاپرېل ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ رۇسىيىنىڭ تۇ -95 تىپلىق ئىككى ئايروپىلانىنىڭ ئەنگلىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقانلىقىنى ،ئەنگلىيە خان جەمەتى ئارمىيىسىنىڭ تەيفىڭ ناملىق ئۈچ ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا جىددىي كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان .
رېپىر ئاگىنتىلىقىنڭ روسىيە خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن |خەۋىرىگە قارىغاندا ، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 6-ماي روسىيە قارا دېڭىز فلوتىنىڭ زەربىدارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،بۇ يىل يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە يېڭى تىپتىكى كۆچمە پاراخوتلىرىنى سېتىۋالىدىكەن .
2020-يىلىغا بارغاندا ،روسىيە قارا دېڭىز فىلوتىغا 86 مىليارد 806 مىڭ رۇبلى ، تەخمىنەن 15 مىليارد يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن . قارا دېڭىز فلوتى روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تۆت چوڭ فلوتىنىڭ بىرى بۇلۇپ ،سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن باشلاپلا قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى پورت شەھەر سىۋاستىپولدا ئىزچىل تۇرۇپ كەلگەن . 18-مارت ،قىرىم ۋە سېۋاستوپول فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسى سالاھىتى بىلەن ،روسىيە فىدراتسىيسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن .شوۋىيگو رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز فىلوتىغا يېڭى تىپتىكى چۆكمە پاراخوتىنى تولۇقلاپ سېتىۋېلىشتىن باشقا،سىۋاستىپولغا يېڭىچە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ،
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved