لۇتۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، iPhone 6s ۋە 6s Plus نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ سودا كۈنىدە، ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسى ئۇدا تۆۋەنلەپ، ئومومىي بازار قىممىتى 50 مىليارد دوللار ئازىيىپ كەتكەن، ۋال كوچىسىدىكى ئانالىزچىلارمۇ ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسىغا بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئانالىز ئورگىنى ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسىغا بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ iPhone 6s ۋە 6s Plus نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبچى بولغان.
مەبلەغ سېلىش بانكىسى BMO Capital Markets نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسى 142 دوللاردىن 133 دوللارغا چۈشىدىكەن؛ Cowen & Co بولسا ئالما پاي چېكىنىڭ 130 دوللاردىن 125 دوللارغا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن؛ JMP Securities دىكى ئانالىزچىلار ئالما پاي چېكىنىڭ 15 دوللار چۈشۈپ، 150 دوللاردا توختايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن؛ ۋال كوچىسىدىكى ئانالىزچىلار ئالما پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 145 دوللارغا چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
تېنچ-ئوكيان خانتاج ئاكسىيەسى (Pacific Crest Securities) ئېلان قىلغان ئانالىز دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پايدا ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. چۈنكى iPhone 7 بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن، ئالما پاي چېكىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىشكە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»
مەبلەغ سېلىش بانكىسى Cowen & Co نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مالىيە پەسلى ئىچىدە، ئايفوننىڭ ئومومىي سېتىلىش مىقدارى 47 مىليونغا يېتىپ، ئالدىن مۆلچەرلەنگەن 53 مىليوندىن تۆۋەن تۇرىدىكەن.
"ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ يىل 1-پەسىلدە iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەسلى پىلاندىكىدىن %30 ئازايتىدىكەن.
تېنچ-ئوكيان خانتاج ئاكسىيەسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر مالىيە پەسلىدە، ئايفوننىڭ ئومومىي سېتىلىش مىقدارى 72.7 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 تۆۋەنلەيدىكەن؛ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مالىيە پەسلىدە، ئايفوننىڭ ئومومىي سېتىلىش مىقدارى 49.5 مىليون دانە ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 تۆۋەنلەيدىكەن؛ 2016-يىللىق ئومومىي سېتىلىش مىقدارىغا كەلسەك، ئايفوننىڭ بۇ بىر يىللىق سېتىلىش مىقدارى 213 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %8 تۆۋەنلەيدىكەن.
Katy Huberty ئىسىملىك يەنە بىر ئانالىزچىنىڭ قارىشىچە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مالىيە پەسلىدە، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 74 مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 تۆۋەنلەيدىكەن؛ بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مالىيە پەسلىدە، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 52 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلەيدىكەن؛ ئايفوننىڭ 2016-يىللىق ئومومىي سېتىلىش مىقدارى بولسا 218 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %6 تۆۋەنلەيدىكەن.
بىراق، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قىسقا مەزگىللىك ئەھۋال بولۇپ، iPhone 7 بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن ئايفونغا بولغان ئېھتىياج قايتىدىن يۇقىرىلايدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved