يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىككى يىل ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە گۆشسىز غىزالىنىش ئارقىلىق بىراقلا 280 قاداق( تەخمىنەن 127 كىلوگرام) ئورۇقلىغان ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. روبېرت فۇستېر ۋە جېشىكا فۇستېر بولسا تۆت بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى، 2011-يىلى ئۇلار ئىككىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 327 قاداق ( تەخمىنەن 148 كىلوگرام) ۋە 287 قاداق ( تەخمىنەن 130 كىلوگرام). روبېرت بىلەن جېشىكا ئىلگىرى ئەسەبىي ئەخلەت يىمەكلىك ھەۋەسكارى بولۇپ، 30 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىسى 2012-يىلى 3-ئايدا ھاياتىدا بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش قىلغان، ئۇلار گۆشسىز تاماق يىيىش ھەمدە يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، مارافونچە يۈگۈرۈشكە قاتنىشىشتىن باشلىغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇلار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئورۇقلىغان، نۆەتتە بەدەن ئېغىرلىقى 167 قاداققا( تەخمىنەن 75 كىلوگرام) چۈشۈپ كېلىشكەن بىر جۈپكە ئايلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved