12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇش چارىسى» يولغا قويۇلدى.بۇ چارە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە ئاتلاپ رايونىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەقسىز ئوقۇپ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇشىدىمۇ مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىدۇ.
«باشقۇرۇش چارىسى»دە جەمئىي 10 نىزام ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئاساسلىقى ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەرتىپىنى بېجىرىش تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېلىشىمگە خىلاپ قىلغان پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقىدار تارماقلار يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، ھەقسىز مائارىپ خىراجىتى ۋە خىلاپلىق ھەققىنى تۆلەتسە بولىدۇ، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتكە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە كادىرلار ئارخىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved