ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قېيۇم قادىر، ئانايەتگۈل يۈسۈپ خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، قومۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسى راھەتباغ مەھەللىسى مەدەنىيەت ئۆيىدە ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ راھەتباغ يېزىسى شۆبە مەكتىپى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. راھەتباغ يېزىسىدىكى دېھقانلار ۋە ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپىدىكى ئەل نەغمىچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شۆبە مەكتەپنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
قومۇل شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەشىدە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى راھەتباغ يېزىسى شۆبە مەكتىپىدە 60 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. ئۇلار ئاساسلىق يېزىدىكى ئەل نەغمىچىلەردىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئوقۇغۇچىلار مۇقام ئورۇنداش جەھەتتە سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئەل ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، توي-تۆكۈنلەردە ئامما ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش، قەرەللىك ھالدا مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن- سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتى راھەتباغ يېزىسى شۆبە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەيدۇل نۇرشاھ ئۇزۇن يىل مەدەنىيەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان پېشقەدەم مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يېزىدا خالىس تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېزىدا ياشانغانلاردىن تەشكىللەنگەن ئەل ئارا تەشۋىقات پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ راھەتباغ يېزىسى شۆبە مەكتىپىگە ئەزا بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قومۇل شەھىرىدە ياشانغانلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە مەكتىپى 11گە يەتكەن بولۇپ، قومۇل شەھەرلىك ياشانغانلار ئىشخانىسى نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش شەكلى ئارقىلىق راھەتباغ يېزىسىنىڭ بۇ خىل ئەندىزىسىنى شەھەردىكى باشقا يېزا-بازار، كوچا، مەھەللىلەرگىچە كېڭەيتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved