«مادرىدپەرەس» تاراتقۇ: بارسېلونانىڭ خېڭدانى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشى ئەھمىيەتسىز
يېقىنقى بىر مەزگىلدە، پېك ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كۆپ ئىش پەيدا قىلدى. مادرىد شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قائىدىگە خىلاپ ئادەم ئىشلەتكەنلىكتىن مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسى يوللاپ، پېك مادرىدلىقلار بىلەن ئېغىز ئۇرۇشى قىلدى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن راموسنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەمما ئەزەلدىن ئىچى كۈچلۈك پېك سىرتقى ساھەنىڭ ھۇجۇمىغا قىلچىمۇ پىسەنىت قىلمىدى. تىۋىتېردا بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مادرىدقا مايىل بولۇپ بارسېلونانى چۈشۈرىشىنى مازاق قىلدى.
تىۋىتېردا، بىر تامى ئىسىملىك مەستانە ئىسپانىيە «ABC گېزىتى» نىڭ ئىككى پارچە كەسمە سۈرىتىنى يوللىدى. ئالدىنقى يىلى مادرىد دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلغان ۋاقىتتا، «ABC گېزىتى» مادرىدنى تارىختىكى ئەڭ قالتىس كوماندا دېگەن ھەمدە بۇ خەۋەرنى باش سەھپىگە چىقارغان. تۈنۈگۈن بارسېلونا خېڭدانى قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، «ABC گېزىتى» تىۋىتېردا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى:«دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى بۇ ئەھمىيەتسىز مۇسابىقىدە، بارسېلونا ھەلقىلغۇچقا كىردى.»
ئوخشاش دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئەمما خەۋەر ئېلان قىلغاندا، «ABC گېزىتى» نىڭ كۆز قارشى پۈتۈنلەي ئوخشىمىدى. ئالدىنقى يىلى مادرىد مۇسابىقىگە قاتناشقاندا تارىختىكى ئەڭ قالتىس كوماندا دەپ كۆپتۈرۈلدى. بۇ يىل بارسېلونا مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى «ABC گېزىتى» تەرىپىدىن ئەھمىيەتسىز مۇسابىقە دەپ قارالدى. پېك تامىنىڭ بۇ تىۋىتېرىنى يوللىدى، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق باھاسىنى قوشمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىڭ خەتلىك سېسىق گەپ يەنىلا ئىچىگە يوشۇرۇنغان.
«ABC گېزىتى» ئېغىپ كېتىشچانلىقى ئېغىر بولغان يەرلىك كىچىك گېزىت ئەمەس، ئەكىسچە ئىسپانىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئۇنۋېرسال كۈندىلىك گېزىت، بۇ گېزىت 1903-يىلى قۇرۇلغان، تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. بۇ گېزىت بولسا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ تەلەپچان تاراتقۇنىڭ بىرى، كۆپ قىسىم ئوقۇرمىنىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشلەر. بۇ خىل دۆلەتلىك چوڭ گېزىت بارسېلونا ۋە مادرىدقا يۈزلەنگەن ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان مەيداندا تۇردى، پېك بۇنىڭغا قارىتا مەسخىرە قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved