ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 19-يانۋار ئەتىگەندە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11 ئادەم ئۆلگەن، 17 ئادەم يارىدار بولغان.
يەرلىك ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قاراۋۇلخانا پىشاۋۇر شەھەر ئەتراپى رايونىدا ئىكەن. بومبا ھۇجۇمى ساقچى، پۇقرا ھەمدە ئاز دېگەندە بىر بالىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ئەمەلدار يەنە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ساقچى باشلىقى قاراۋۇلخانىغا يېتىپ بارغاندا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved