ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش رولىغا ئىگە بىرقانچە خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكنى تونۇشتۇرىمىز.

  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى

  ھەرە يىلىمى: ھەرە يىلىمى يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى يۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم بەدىنى ئورگانىزمى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ھەرە يىلىمى « تەبىئىي ئىممۇنىتنى كۈچەيتكۈچى دورا» دەپ ئاتالغان.

  بۇرمىسىمان يۈسۈن: بۇرمىسىمان يۈسۈننىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى60%-70% غا يىتىدىغان بۇلۇپ، تەركىبىدە مول كاروتىن، ۋىتامىنE ، ۋىتامىن C، كىسلاتالىق بەدەن سۈپىتىنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

  مېھرىگىياھ: مېھرىگىياھنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتبت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. چۈنكى، مېھرىگىياھ تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە پولى ساخارىد بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مېھرىگىياھ تەركىبىدە مول بولغان گىرمانىي ئېلمىنتى بارلىقى بايقالغان بۇلۇپ، گېرمانىي ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزىم سۈرئىتنى تېزلىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتېرفېروننى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر

  گۈمبەدەك. گۈمبەدەكنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەر گۈمبەدەكنى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىك دەپ قارىغان. يېقىندا، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، گۈمبەدەكنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. گۈمبەدەكتىن قورۇما ياكى شورپا قىلىشقا بولىدۇ. بىر قىسىم دائىم ئىستىمال قىلىدىغان گۈمبەدەكنى يەنە خالىغانچە گۆش بىلەن بىللە قورۇسا، توخۇ شورپىسى قىلسا، قورۇلغان گۆش قەلەمچىسى قىلسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، گۈمبەدەكنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلار بولۇشى مۇمكىن شۇڭا ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇغا چىلاپ، زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك.

  بېلىق ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر. بېلىق ۋە قۇلۇلە سېلىن تولۇقلاش ئارقىلىق بەدەننىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەنگىلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېلېن مىقدارى يېتەرلىك بولغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ئاقسىل مىقدارىنى كۆپەيتىپ، بەدەندىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تازلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدىكەن. سېلېن ئاساسلىقى ئوستېر قۇلۇلىسى، چوڭ راك، قىسقۇچپاقا ۋە سەدەپ قۇلۇلىسى قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كىلىش مەنبەسى قىلغان. بېلىق تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى ئىچىدىكى ئومىگا-3 قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ مىقداردا تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى ياردەم ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىشىغا پايدىلىق بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بار.

  پىچەكگۇل. قىش كۈنلىرى پىچەكگۈلنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئەرلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق، ئەلۋەتتە ئاياللارغا نىسبەتەنمۇ ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىچەكگۈلنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ياكى مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، كۈزدە پىچەكگۈلنى كۆپرەك يەپ بەرسە قۇۋۋەت تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. پىچەكگۇلنى قوي گۆشى بىلەن بىللە يىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  كۈدە. كۈدە باھنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن يەنە، تەركىبىدە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ۋىتامىن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە پايدىسى خېلىلا كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈدە ھەممە پەسىلدە يىيىشكە ماس كېلىدۇ. دائىم كۈدە يەپ بەرگەندە بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ، مەسىلەن، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا قىش كۈنلىرى كۈدىنى كۆپ يەپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلىق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
03-02-2016
     باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.    مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقى...
Powered by Leglek