باش مىنىستىر لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن موسكۋادا رۇسىيە مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە، رادىيو شىركىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلانماقتا. ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن پۈتۈن جەمئىيەتكىچە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستلۇق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج. ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە، بايلىق، سانائەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەنە يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، پاكىز ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ كەڭ ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشتا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، بۇلار ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەن بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئاساسى-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولدى. بىز ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرىمىز شۇنداقلا ئېچىۋېتىش ئىشىكىنى تېخىمۇ داغدام ئېچىپ، دۇنيانىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved