ناپولېئون بوناپارت 1976-يىلى ئىتالىيىنىڭ كورسىكا ئارىلىدا دۇنياغا كەلگەن . ئەينى ۋاقىتتا كورسىكا ئارىلىنى فرانسىيىلىكلەر بېسىۋالغان ئىدى .ئۇنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى ۋەيران بولغان ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ ئۇنىڭغا دالىدىكى قەھرلىك شىر دېگەن مەنىدە ناپولېئون دەپ ئىسىم قويدى .ناپولېئون ئىسمىغا مۇناسىپ ھالدا كىچىكىدىن تارتىپ كەم سۆز باتۇر سوقۇشقاق ئىدى ،10 يېشىدا فرانسىيىدىكى برئېينا ھەربىي مەكتىپىگە ئەۋەتىلدى . ئۇ بۇ مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگەندى ،يۇنان ،رىم قەھرىمانلىرى جۈملىدىن ئالېكساندىر قەيسەر قاتارلىقلارنىڭ شانلىق تۆھپىسىگە مەپتۇن بولدى . رۇسسو ،مونتېكىيۇ ،ۋولتېر قاتارلىق مەرىپەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇدى .15يېشىدا فرانسىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەربىي مەكتەپ پارىژ ھەربىي ئىنىستوتىغا كىرىپ توپچى ئەسكەرلەر ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەندى ،لېكىن ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بەرگەچكە كېيىنكى يىلى ئۇقۇشتىن توختىدى ،مىلادشىي لېيتنانتلىق ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن زەمبىرەكچىلەر پولىكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىدى .فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەزىيەتكە بېقىپ ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان ناپولېئون ياكوبىنچىلارنى ھىمايە قىلدى .1973-يىل 9--ئايدا جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ تولۇننى مۇھاسىرىگە ئېلىش جېڭىگە قاتنىشىپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى .ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭگە قالتىس قوماندانلىق قىلغاچقا 12-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ قورغىنى تولۇننى ئىگىلەپ ،ئارمىيىدە تېز كۆزگە كۆرىنىپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ مىلادشىي لېيتنانتلىقىدىن دەرىجە ئاتلاپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ گېنېرال بىرگادىرلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ زەمبىرەكچىلەر بىرگادىسىنىڭ لوماندىرلىقىغا تەيىنلەندى .تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن ،ناپولېئون بۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ پارىژدا بىر مەھەل مۈشكۈل ئەھۋالغا قالدى.
1975-يىلى پارىژدا پادىشاھپەرەسلەر قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى .تەپتىش ھۆكۈمەت ناپالىئوننى توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى .ناپولېئون توپىلاڭچىلارنى زەمبىرەك ھۇجۇمى كەسكىن باستۇرۇپ ،جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىجاتكارىغا ئايلاندى ،ئۇ گېنېرال لېيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ،پارىژ گارنىزونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى .نامراتلىقتىن چۈشكۈنلەشكەن دالىدىكى قەھرلىك شىر بىر كېچىدىلا ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەدە ھەممىگە تونۇشلۇق كاتتا ئەربابقا ئايلاندى .
فرانسىيە زور ئىنقىلابى ياۋروپانى زىلزىلگە كەلتۈرۈپ ،ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىرىنى ۋەھىمىگە سالدى . ئەنگلىيە ،رۇسىيە ،پروسسىيە باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى خانلىق ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن فرانسىيە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللەپ فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئارىلاشتى .1796-يىلى ناپولېئون ئىتالىيە يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى . ئۇ نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇننى ئىتالىيگە باشلاپ بېرىپ ،ئىنتايىن ئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم تارمار قىلدى . شىمالىي ئىتالىيە جەڭ مەيدانىدىكى سىجىل غەلىبە تەپتىش ھۆكۈمىتىنى ۋەھىمىگە سالدى . تەپتىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى پارىژدىن يىراق جايغا يۆتكىۋېتىشنى قارات قىلدى ،ناپولېئون بولسا داۋاملىق داڭق چىقىرىشنى ئويلىدى ، ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىپ قالغاچقا ئۇلار مىسرنى نىشانلىدى ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى قاتناش لىنىيىسىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن ناپولېئون 1798-يىلى مىسىرغا قۇشۇن تارتتى .
ناپولېئون ئارمىيىسى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان گۋاردىيە ئاتلىق قىسمىنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا مەغلۇپ قىلىپ قاھىرەگە كىردى . فرانسىيە زېمىنى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ناپاليوننىڭ يىراق يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى مىسىردا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى . تەپتىش ھۆكمىنى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىدىن تاساددىپىي خەۋەر تاپقان ناپولېئون تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ خىل قۇشۇن باشلاپ بىر تېز يۈرەر قېيىق بىلەن فرانسىيىگە مەخپى قايتىپ كەلدى .ناپولېئون ھەربىي شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ فرانسىيىنىڭ 1-ھۆكۈمرانى كېيىنچە ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمران بۇلىۋالدى . كېيىنچە ۋەزىيەت ئاز تولا مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ،ئۆزى مىسىرغا يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدە بىر مەھەل قولدىن بېرىپ قويغان غەلىبە مېۋىسىنى قولغا كەلتۈردى . ۋە ئاخىر ئاۋىسترىيە بىلەن ئەنگىلىينى فرانسىيىنىڭ ياۋروپادا ئىگىلىگەن زېمىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
ناپولېئون ھەربىيلىك ھاياتىدا 60نەچچە قېتىملىق جەڭگە بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى .1805-يىلىدىكى ئوسترى جېڭىدە ناپولېئون ھەربىي ئىستىاتىنى كارامەت نامايان قىلدى . ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوشۇنغا دۇچ كەلگەن فرانسىيە ئارمىيىسى قىسمەن مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاساسىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ،خىل ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەننىڭ ئەجەللىك يېرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى . بۇ تاكتىكا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز بولۇشتەك ئاجىزلىقىنى ئۈنۈملۈك يېپىپ كەتتى فرانسىيە ئوسترى جېڭىدە فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىنى 3-قېتىم بىر ھۇجۇم بىلەنلا تارمار قىلدى . ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ 4-قېتىملىق ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قىسمى بولغان پروسسىيە قۇشۇنىغىمۇ زەربە بەردى .گېرمانىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ھېينى كېيىن :. ناپولېئون پرۇسىينى بىر كۈچەپ پۈۋلەپلا ئۇچۇرۇۋەتتى دەپ يازغان ئىدىن . فرانسىيىگە قارشى 5-قېتىملىق ئىتتىپاق تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ،ناپولېئون ئەنگلىيە رۇسىيىدىن باشقا پۈتكۈل ياۋروپانى دېگۈدەك بېسىۋالدى ۋە تىزگىنلىدى .1810-يىلى ئاۋىسترىيە مەلىكىسى مارىيە لېۋىس ناپالىئونغا ياتلىق بولدى ناپولېئون ياۋروپا چوڭ قۇرقلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى .
ناپولېئون ئۇرۇش ئارقىلىق ئىناۋەت تىكلىدى ،ئۇرۇش ئۇنى ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقاردى .1804-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ناپولېئون رىم پاپاسىنى ئۆزىگە تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئالايىتەن تەكلىپ قىلدى ، مۇراسىم ھالقىلىق باسقۇچقا كەلگەندە ناپولېئون پاپانىڭ قولىدىكى تاجنى تۇيۇقسىز تارتىپ ئېلىپ كىيىۋالدى . فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدىن تارتىپ فرانسىيە ئىمپېرىيىسىگە ئايلاندى ، ناپولېئون ئۆزىنى فىرانسىيلىكلەرنىڭ پادىشاھى يەنى ناپولېئون 1 دەپ ئاتىدى .
ناپاليوننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى .كۈندە 10 نەچچە سائەت ئىشلەتتى . ئۇ ئەمەلدارلاردىن فىرانسىيەىلا ئەمەس ئۆزىگىمۇ سادىق بۇلۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى ،تاساددىپىي تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى دەرھال تارتۇقلىدى ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى .گودېن ئىنقىلابتىن بۇرۇن مالىيە باش مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى .ئۇ مول تەجرىبىگە ئىگە بولغاچقا ناپولېئون ئۇنى مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى . ناپولېئون كاتولىك بولمىسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . سىياسىي جەھەتتە ،شىتاتلارنى ئىخچاملاپ ،ھۆكۈمەتنى ئىسلاھ قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەربىي تۈزۈلمىگە ئايلاندۇردى .خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارنى مەتبۇئات ئەركىنلىكى سۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى .پارتىيە گۇرۇھلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .
ئىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ،ئىقتىسادىي جەھەتتە ،فرانسىيە بانكىسىنى قۇرۇپ دۆلەت مالىيىسىنى تەرتىپكە سالدى . شۇنىڭ بىلەن بىلە بىر قاتار ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بەردى . ھەربىي جەھەتتە زور ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى ، دېھقانلار ئەسكەر بۇلۇشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئۇلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر ئالدى .
ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈش ناپاليوننىڭ بۇرژۇزئارىيگە قوشقان بىر زور تۆھپىسى ئىدى .2000دىن كۆپ ماددىدىن تۈزۈلگەن بۇ قانۇن 1804-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى ، كېيىنچە ناپولېئون قانۇنى دەپ ئاتالدى . ئۇنىڭدا ئىنقىلاپ مەزگىلىدىكى بۇرژۇئازىيىگە پايدىلىق نەتىجىلەر قانۇن ماددىلىرى شەكلىدە بېكىتىلدى .ناپولېئون بۇ قانۇننى چىقىرىش ئۈچۈن ئېچىلغان 100قېتىمدىن كۆپرەك يىغىننىڭ نەچچە 10 قېتىملىقىغا بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلدى .بۇ قانۇن كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس ئەسىرىگە ئايلىنىپ ،پۈتكۈل ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىغا ،ھەتتا ئامېرىكا ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونلىرىغا تارقالدى . 1806-يىلى 11-ئايدا ناپولېئون بېرلىندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش پەرمانىنى جاكارلاپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكىلەرنىڭ ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن سودا قىلىشنى قاتتىق چەكلىدى . بۇ قوش بىسلىق شەمشەر ئەنگلىيىگە زەربە بېرىپلا قالماي فىرانسىينىمۇ ھالاكەتكە ئۇچراتتى .فرانسىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئەنگىلىينىڭكىدىن ئاجىز بولسىمۇ ناپولېئون بۇ ئەمەلىيەتكە سەل قارىدى ، 1812-يىلى ناپولېئون 600مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ نېمات دەرياسىدىن ئۆتۈپ روسىيىگە بېسىپ كىردى ،روسىيلىكلەرنىڭ پۇختا مۇداپىئە كۆرۈشى ،موسكۋانىڭ قەھرىتان قىشى ،فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى ناپولېئون ئارمىيىسىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى .
ناپولېئون قول ئاستىدىكىلەرگە :بۈيۈكلۈكتىن بىمەنىلىككە ئايلىنىپ قالغىلى قىل قالدۇق بۇنىڭغا ئەۋلادلار باھا بەرسۇن ›دېدى1853-يىلى ناپولېئون ئەنگلىيە ،رۇسىيە ،پروسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن فرانسىيىگە قارشى 6-قېتىملىق ئىتتىپاق بىلەن ليېپسگدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى .ئىككى تەرەپ جەڭگە 600مىڭچە ئەسكەر قاتناشتۇردى ،بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ كۆپلىگەن ياردەمچى قىسمى بار ئىدى .جەڭ تازا ئەۋجىگە چىققاندا ناپولېئون قوشۇنىدىكى ياللانما ئەسكەرلەر ئۇشتۇمتۇت يۈزئۆرۈپ قارشى تەرەپكە بولۇشۇپ جەڭ قىلىپ فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى .ھەر قايسى بېقىندى دۆلەتلەر بىلەن ئۇششاق ئەللەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ فرانسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى .ناپولېئون مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى .1814-يىلى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى پارىژغا بېسىپ كىردى .
فرانسىيە 1-ئېمپىريىسى گۇمران بولدى .بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بوربون خاندانلىقى تىرىلدى .ناپولېئون ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى ،لېكىن ئۇ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان ئېلبا ئارىلىدىن قېچىپ كەتتى .3-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا قايتىپ كېلىپ بوربون خانىدانلىقنى ئاغدۇرۋېتىپ پادىشاھلىق تەختىگە قايتا ئولتۇردى .ناپاليوننىڭ قايتا تەخىتكە چىقىشى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت پادىشاھلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى .ئەنگلىيە ،رۇسىيە پروسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دەرھال فرانسىيىگە قارشى 7-قېتىملىق ئىتتىپاق تەشكىللىدى .ئۇلار 700-800مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى .ۋاتېرلودا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولدى . ئىككى تەرەپ ئەسكىرى كۈچى جەھەتتە زور پەرق قىلغاچقا فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇپ بولدى .6-ئاينىڭ 22-كۈنى يۈز كۈنلۈك ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن ناپولېئون ئاتلانتىك ئوكياندىكى سېنىت ھېلىنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى .1821-يىلى ناپالىون ئاشقازان كېسىلى ئېغىرلاشقانلىق سەۋەبىدىن جان ئۈزدى .ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە كىشلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى كېيىنچە فرانسىيىدىكى سېينى دەرياسى بويىغا دەپنە قىلدى .
لەگلەك تورى مەخسۇس تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى .قالايمىقان كۆچۇرمەڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنىتماڭ !
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved