ئامېرىكا Odditycentral تورىنىڭ 27–ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيەدىكى 120 تېسكو تاللا بازىرىدا نۆۋەتتە ‹‹مۆجىزە ›› ناملىق ئالمىلار بازارغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى باشقا ئالمىلاردىن پەرقلەنمەيدىكەن ، لېكىن بۇ ئالمىلارنىڭ ئېتى ھال رەڭدە بولۇپ ، سېتىۋالغۇچىلار بۇ ئالمىنى بىر چىشلىگەندىن كېيىن ‹‹مۆجىزە›› نى بايقايدىكەن .
‹‹مۆجىزە›› ئالمىلىرىنىڭ ھەر 4 تېلىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1.75 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 17 يۈەن) ئىكەن . بۇ خىلدىكى ئالمىلارنىڭ شىرنىسى كۆپ ، ئېتى قېلىن بولۇپ ، ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ خىلدىكى ئالمىنى ئەنگلىيە ئالما يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋىللىئام بارنېت يېتىشتۈرگەنكەن . ئەنگلىيەنىڭ خېرېفوردتا بارنېتنىڭ 4 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئېتىزلىقى بار بولۇپ ، بارنېت بۇ يەردە يېڭىچە سورتلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئويلايدىكەن .
بارنېت : ئەنگلىيەدە 4000 دىن ئارتۇق ئالما سورتى بار ، لېكىن مەن ئالما يېيىشكە ئامراق كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ‹مۆجىزە› لەرنى ئېلىپ كەلگۈم بار . 10 يىل ئىلگىرىلا مەندە شۇنداق ئوي پەيدا بولغان ، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بىر قىسىم يېڭىچە ئالما سورتلىرىنى يېتىشتۈردۈم ، دېدى .
ئىگىلىنىشىچە ، ۋىكى قامۇسىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ خىلدىكى ئېتى ھال رەڭلىك ئالمىلار 1831–يىلىلا ياۋروپادا پەيدا بولغان بولۇپ ، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى باغۋەنچىلىك جەمئىيىتى ئىلگىرى بۇ خىلدىكى ئالمىنى يېتىشتۈرگەن ، كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە تارقالغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved