ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى %2.1 كە يەتكەن بولۇپ، كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا ئىقتىسادى مۇقىم ئاشقان. 4-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ( GDP ) گە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېشىش مۆلچەرى %2 كە يېقىن ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. پەقەت كېلەر ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندىغان غەيرى-يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى بەك ناچار چىقمىسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەرلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. دوللار كۆرسەتكۈچى 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيان %18.1 ئۆرلىگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقداردا %12 نى ئىگىلەيدىغان ياساش كەسپى ئىزچىل دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلەش ۋە ئېنېرگىيە كەسپى چىقىمنىڭ كېمەيتىش بېسىم ئاستىدا تۇرسىمۇ، لېكىن ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئېنىرگىيە كارخانىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە چىقىمنىڭ كېمەيتىشى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئېغىر تەسىر ئۆتۈپ كەتتى.
بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويدى.
گېرمانىيە بانكىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى بولسا بىر خاتالىق تەدبىرى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 10-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى » بىر قەدەر تۆۋەن » سەۋىيىدە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بىر مەنپىي قىممەت. شۇڭا، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرسە، يېقىن كەلگۈسىدە مەجبۇر تۆۋەنلىتىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ھەتتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىقدارلاشتۇرۇش كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.
ئۆسۈم قوشۇش ئېلىپ كەلگەن تەسىر توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قاراش بار: بىرىنچى خىل قاراش ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئېتىراپ قىلغان « ئەنئەنە » كۆز قارىشى، قىسقا مەزگىللىك تەكشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى نۆل نۇقتا ئەتىراپىدا؛ ئىككىنچى خىل قاراش تەكشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى مەنپىي قىممەت.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved