رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2015-يىللىق نادىر تەبىئەت مەنزىرىسى سۈرەتلىرى
6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاۋسترالىيە كۇۋېنسلاند ئېللىيوت خانىم ئارىلى ئېكولوگىيەلىك ئىستراھەت كەنتىنىڭ دېڭىز ئاستى مەنزىرىسى.
يېقىندا، رېيتېر ئاگېنتلىقى 2015-يىللىق بىر تۈركۈم تەبىئەت مەنزىرىسى باش تېما قىلىنغان نادىر سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ سۈرەتلەردە گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدەك مەنزىرىلەر، يەنە رەھىمسىز تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرى قاتارلىقلار ئەكس ئەتكەن. بۇ سۈرەتلەر بىزگە بىر مۇرەككەپ دۇنيانىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، شاڭخەينىڭ پۇدۇڭ رايونىدىكى پەلەككە تاقاشقان، تۇمان ئىچىدە قالغان قۇرۇلۇشلار.
9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ستاففورد ئۆلكىسى ئاسمىنىدىكى ‹‹قىزىل ئاي››، شۇ كۈنى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كىشىلەر ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي›› ـــ ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كۆرگەن. ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي›› ئادەتتە ئاي تولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاي شارى بىلەن يەرشارىنىڭ ئارىلىقىنىڭ نىسبىتى ئادەتتىكىدىن يېقىن ھالەتتە بولىدۇ، ئاينىڭ يورۇقلۇقى ئادەتتىكىدىن %30 يۇقىرى بولىدۇ. ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ئاي شارى، يەر شارى، قۇياش تامامەن بىر سىزىق ئۈستىدە بولۇپ، ئاي پۈتۈنلەي يەرشارىنىۇ سايىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە 100 يىلدا پەقەت بەش قېتىم كۆرۈلىدۇ.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، گوللاندىيە لىس بازىرىدىكى كۇكېنخوف باغچىسىدىكى رەڭدار ئېتىزلىق.
5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى قىيپاش ئويمانلىق. سۈرەتتە بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىقتا قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەر.
5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ماربوروگدىكى ئورمانلىقتا ئىككى قىز ئوينىماقتا.
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بارستوۋ-داگگېت ئايرودرومى ھاۋا بوشلۇقىدىكى چاقماق چېقىلغان ھادىسە.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىدىكى سىنابۇڭ يانار تېغى پارتلىدى.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاۋستىرىيەنىڭ سىناندرېي بىر كۆلدىكى بىر ئەرنىڭ سايىسى.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى يانار تاغ تۈپەيلىدىن نەچچە مىڭلىغان كىشى ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. كالىفورنىيەنىڭ شىمالىدىكى مىددلېتوۋن شەھىرىدىكى يول بويىدىكى ئاتنىڭ جەسىتى.
11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شىددەتلىك قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بويىن 737 تىپلىق ئايروپىلان سىدنېي ئاسمىنىدا ئۇچماقتا.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا ئوت ئاپىزى يۈز بەردى، بىر توپ سۇ كالىسى ئۈركۈپ قاچماقتا.
11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ بلاكپۇل دېڭىز ساھىلىدىكى دولقۇن.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ دىجاۋا ئۆلكىسىدىكى سىدوئارجودا ساياھەتچىلەر يانار تاغ پاتقاقلىرىدىن شەكىللەنگەن يەردە ماڭماقتا.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، گرېتسىيەنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى كۇستېر لوۋلىزو ئارىلىدا بىر ساياھەتچى دېڭىز بويىدىكى كۆك رەڭلىك ئۆڭكۈرگە كىرمەكتە.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى، پانامانىڭ كولون شەھىرىگە كەلكۈن كەلدى، بىر نەچچە بالا يامغۇردىن دالدىلانماقتا.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، بېيجىڭدىن خېبېيغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قويۇق تۇمان سەۋەبلىك تاقالغان. بىر ئانا بالىسىنى قۇچاقلىماقتا.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى، جەنۇب قىر دۈمبىلىك كىتى ئارگېنتىنا پاتاگونىيە رايونىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىن ئۆتمەكتە.
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ ئېسپىرىتودىكى بىرازىلىيە تاتلىق سۇ دەرياسى شىركىتى بىلەن بروكېن شىركىتى بىرلىكتە قۇرغان كانچىلىق شىركىتىنىڭ بىر ئورۇندىكى تۆمۈر كېنىنىڭ كېرەكسىز سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسى بۇزۇلۇپ كەتتى.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved