«تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» كېلەر يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، 27- دېكابىر تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- يىغىنىدا 27- دېكابىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 36- نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويدى. بۇ قانۇن 2016- يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بۇ قانۇننى ئېلان قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى. «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 97 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئەزالىرىنى بېكىتىش، مۇداپىئەلىنىش، ئاخبارات ئۇچۇرى، تەكشۈرۈش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، خەلقئارا ھەمكارلىق، كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى، قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەر بار.

بۇ قانۇندا دۆلەتنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى پىلانلىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرگەن، تېررورىزمنى تەرغىب قىلغان، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا قۇتراتقان ھەرقانداق تەشكىلات، تەشكىلات رەھبىرى، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقان تەشكىلات، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرگەن تەشكىلاتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلەت ھەرقانداق تېرورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچى بىلەن مۇرەسسەلەشمەيدۇ، ھەرقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ ۋە مۇساپىرلىق ئورنى بەرمەيدۇ.

بۇ قانۇندا تېررورىزمغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلدى: تېررورىزم زوراۋانلىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش، جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرىغا، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىپ، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مەقسەتلىرىگە يېتىش تەشەببۇسى ۋە قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تەڭ تۈزەپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇن، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

بۇ قانۇندا يەنە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىش، ئىنسان ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى باھانە قىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى چەكلەش كېرەك.

بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىش ۋە ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. تېرورلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدا گۇمانلانغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ئالاقىدار گۇمانلىق شەخسلەرنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ج خ تارماقلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
29-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
10-05-2016
     شۇ جاي ۋاقتى 9-ماي، بىرازىلىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇۋەققەت پالاتا باشلىقى ۋالدىر مارانىھو قارار ئىمزالاپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان زۇڭتۇڭ روسسېفنى ئەيىبلەش دېلوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ھەمدە ب...
10-05-2016
    جۇڭگونىڭ «بىر لىنىيە بىر يول» تەشەببۇسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، زور تەرەققىيات پۇرسىتى يۇشۇرۇنغان بۈيۈك پىلان دەپ قارالدى. بىراق ئەزەلدىن جۇڭگوغا ھۇشيار پۇزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن ھىندىستاننىڭ ج...
10-05-2016
     ئۆز خەۋىرىمىز: 2016-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 15-ماي(مۇشۇ يەكشەنبە) باشلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 15 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ت...
10-05-2016
    چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مۇھىم رەھبىرى، لەقىمى «قۇملۇق شىرى» بولغان ئەبۇ ۋەھىب ھەمدە ئۇنىڭ ...
10-05-2016
    رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تۈنۈگۈن سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەمدە سۇرىيە  مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ: كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ...
10-05-2016
    رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان %50 تىن كۆپرەك ئامېرىكا ئەسكىرى ترۇمپنىڭ زۇڭ...
10-05-2016
    2016-يىلى 10-ماي خەۋىرى، فىلىپپىن سايلام كومىتېتى 10-ماي سەھەردە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، داۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇسېلتې زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، سايل...
10-05-2016
    كورېيە ئەل رايى تەكشۈرۈش ئورگىنى 9-ماي ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە: كورېيە پۇقرالىرىنىڭ پاك گيۇنھى ھۆكۈمىتىنى قوللاش نىسبىتى %35.9 بولۇپ، بۇندىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇنقى %4.9 تىن يۇقىرى ئۆرلەپ، 4-...
Powered by Leglek