شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى پىيوڭياڭدىن بەرگەب تېلگىراممىسى، چاۋشىيەن ئاگېنىتلىقنىڭ 18-چېسلادىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا پىيوڭياڭ شەھىرى ئىچىدىكى بىر 23 قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنادا ئېغىر ھادىسە يۈز بىرىپ -چېسلا ئۆلۈم-يىتم ئەھۋالى كۆرۈلگەن. چاۋشىيەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگە نەخ مەيدانغا يىتىپ بېرىپ پىيوڭياڭ شەھەر ئاھالىلىردىن ھال -ئەھۋال سورىغان.
خەۋەر قىلنىشچە،مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى پىيوڭياڭ شەھەر ئىچىگە جايلاشقان بىر قۇرۇلۇش ئىش مەيدانىدا، ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ پەرۋازسىزلىقى ۋە نازارەتنىڭ قاتتىق بولماسلىقى تۈپەيلى ئېغىر دەرىجدىكى ۋەقە پەيدا قىلىپ ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن چاۋشىيەن دۆلەت ئالاھىدە تەدبىر تۈزۈش ئورگىنى قۇرۇپ بەخىتكە يارىشا ھايات قالغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ، ياردارلارنى داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلىۋەتكەن. 17-چېسلا ، چاۋشىيەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرنىڭ ئەمەلدارلىرى نەخ مەيدانغا يىتىپ بېرىپ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە -تاۋاباتى ۋە پىيوڭياڭ ئاھالىلىردىن ھال-ئەھۋال ۋە كەچۈرۈم سورىغان.
چاۋشىيەن ئاگېنىتلىقنىڭ خەۋرىدە ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ۋە كونكىرىتنى ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالنى ئاشكارلىمغان. چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيسى مەركىزى ئورگىنىنىڭ ‹‹ئەمگەكچىلەر خەۋرى›› ژۇرنىلداچاۋشىيەن ئاگېنىتلىقنىڭ خەۋىرى بىلەن ئالاقىدار سۈرەت بېسىلغان. سۈرەتتە كۆرسىتلشچە، بىر نەپەر ئەمەلدار شەھەر ئاھالىلىرنىڭ ئالدىدا سۆز قىلغان ھەمدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كەچۈرۈم سورىغان. بۇندىن باشقا نەخ مەيداندا يەنە توپا كولاش ماشنىسى ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشنىسى ھەم ۋاقىتلىق سېلىنغان دوختۇرخانا لاگىرى بار ئىكەن. بىراق بۇنڭدىنمۇ تەپسىلىي نەخ مەيدان كۆرنۈشى بولمىغان.
يەنە كورىيە بىرلەشمە ئاگېنىتلىقنىڭ 5-ئاينىڭ18-كۈنى سىئولدىن بەرگەن تېلگىراممىسى، چاۋشىيەن مەركىزى ئالاقە ئاگېنىتلىقنىڭ خەۋەر قىلشىچە،پىيوڭياڭ پىڭچۈئەن رايوندىكى ئولتۇراق بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى ناچار، خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆزتىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە كۆپلىگەن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىراق خەۋەردە ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئېنىق ئارقا كۆرنۈشى ۋە ئۆلۈم-يىتىم سانى ئاشكارلانمىغان.
بىر نەپەر كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى شۈكۈنى بىلدۈرۈپ، پىيوڭياڭ شەھىرى پىڭچۈئەن رايوندىكى بىر 23قەۋەتلىك بىنا 13-چېسلا چۈشتىن كىيىن تۇيۇقسىزلا گۈمۈرلۈپ چۈشكەن. ۋەقەدە بەلكىم زور بىر تۈركۈم كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇلشى مۇمكىن. چاۋشىيەندە، ئادەتتە قۇرۇلۇش پۈتۈشتىن ئىلگىرلا كىشىلەر كىرىپ تۇردىغان بۇلۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە تەخمىنەن ئاللىقاچان 92 ئائىللىك مۇشۇ بىنادا بۇلشى مۇمكىن.
خەۋەر قىلنىشچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى جىددى تەدبىر تۈزۈش ئورگىنى قۇرۇپ ئامان قالغۇچىلارغا قارىتا قۇتقۇزۇش ھەركىتنى قانات يايدۇرغان. نەچچە نەپەر ئەمەلدار 17-چېسلا ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا كىلىپ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلردىن ھال-ئەھۋال ۋە كەچۈرۈم سورىغان. خەلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى سۈيفۇيى سۆز قىلىپ:‹‹ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيتى مىنىڭ ئۈستۈمدە، خەلىق ىىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مىنىستىرلىكى بۇندىن كىيىن چۇقۇم پۈتۈن كۈچىنى خەلىقنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ۋە ھاياتى مال-مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا سەرىپ قىلدۇ.›› پىيوڭياڭ شەھەرلىك پارتىيە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇل كاتىپى جىن شوۋجى مۇنداق دەيدۇ:‹‹دۆلەت بېشى جىن جىڭئېن بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ قااتتىق ئازابلاندى، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەگە دەرھال نەخ مەيدانغا يىتىپ بىرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتنى باشلاش توغرىسدا يول-يۇرۇق بەردى.››
فىرانسىيە ئاگېنىتلىقنىڭ دىيشىچە، چاۋشىيەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ بۇ خىلدىكى ‹‹ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان›› ۋەقەنى خەۋەر قىلشى تۇلىمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن. بۇندىن سىرىت ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاستللىرنىڭ بىرى بولغان چاۋشىيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنىتلىقىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان چاۋشىيەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرنىڭ كەچۈرۈم سورىغانلىق خەۋرىنى ئېلان قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved