پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. لېكىن، يېقىندا گېرمانىيە تەقسىملەش تۈزۈمىنى قوللىنىپ كەڭ كۆلەملىك مۇساپىرلارنىڭ كىرىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، شېرىكلىرى ئوخشاش ئىتتىپاقلىشىش ئىپادىسىدە بولمىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان فرانسىيە «ئىسلام دۆلىتى»گە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى پەقەت مۈرىسىنى قىسىپ قويدى، سۇسلا تەزىيە بىلدۈردى، توقۇنۇشقا چېتىلىپ قالماسلىقنى جىممىدە ئولتۇرۇپ تىلىدى.
تەسىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: گەرچە ياۋروپا مالىيە ئىتتىپاقى يۆلىنىشىگە قاراپ زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئىتتىپاق بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا ئىنتايىن يىراق.
ئورتاق بازار قۇرۇلۇپ يېرىم ئەسىردىن كېيىن، ئورتاق پۇل ئىشلىتىش باشلىنىپ 15 يىلدىن كېيىن، ياۋروپادا يەنىلا بىرلىككە كەلگەن سىىياسىي كۈچ ۋە يەككە ئۆزىنى قاچۇرۇش سىياسىتى كەمچىل. ئېھتىمال مەسىلە ئەڭ چوڭ بولغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يەنىلا 28 تارماق ئارمىيە، 28 قوماندانلىق ئىشتابى بار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارقىلىق تارقاق ھالدا بىرگە باغلىنىپ تۇرىدۇ.
بىر قىسىم ياۋروپا رەھبەرلىرى (فرانسىيە پرېزىدېنتى ئولەند ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ژان كلودى جۇڭكېرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇ رېئاللىقتىن ئەندىشە قىلىپ كەتمىدى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا مالىيە ئىتتىپاقىغا قاراپ يەنىمۇ يېقىنلىشىشنى تېزلىتىشى، ئورتاق ئامانەت سۇغۇرتا مېخانىزىمى، يەككە خام چوت، ياۋرو زايومى، تېخىمۇ كۆپ پۇل-مۇئامىلە خەتىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تېزراق كىرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
ئۇلار خاتالاشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەدبىرلەر پەقەت ياۋرو رايونىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى يوچۇقنى كېڭەيتىدۇ.
ئۇلار خاتا نىسپىي باھانى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ، بۇنى ياۋرونى قوللانغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن جەنۇب پۇل پاخاللىقى خاراكتېرىدىكى ئىناۋەت كۆپۈكى پەيدا قىلغان، لېكىن بۇ خاتا نىسپىي باھا ياۋرو رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىگە قايتا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئاقىۋەتتە، فرانسىيە ۋە جەنۇبىي ياۋروپانىڭ قۇرۇلمىلىق ئىشسىزلىقى مەڭگۈلەشتى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان باھا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆسۈم پەرقىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، كاپىتال باھا كۆپىكىنى ساقلاپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تەقسىملەش رولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئاممىۋى قەرز مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ خاتالىقنى سادىر قىلىپ باققان، كۆپ قېتىملىق قەرزنىڭ ئورتاقلىىشى سىجىللاشمىغان ئىناۋەت كۆپۈكىنى ئۇلغايتىپ، 1835-1942-يىللاردا 29 ئىشتات ۋە زېمىندىكى توققۇزىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەم ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاساسىنى سالدى.
ياۋروپانىڭ مالىيە ئىتتىپاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ پايدىسىز تەرىپى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مالىيە ئىتتىپاقىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىش زىددىيەتلىك ھالدا سىياسىي ئىتتىپاقنى تېخىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماس قىلىپ قويىدۇ، سەۋەبى ئاددىي ھەمدە مۇھىم: يەنى فرانسىيە.
نۆۋەتتە فرانسىيە ياۋروپادا ھەربىي جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت، فرانسىيە ياۋروپا قوراللىق كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بارلىق تەكلىپكە قارشى تۇرىدۇ. 1954-يىلى، فرانسىيە مىللىي قۇرۇلتىيى غەرب ئىتتىپاقى مۇداپىئە تەشكىلاتىنى رەت قىلدى. 2005-يىلى، فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى، مەزكۇر لايىھە سىياسىي بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر نۆۋەتلىك فرانسىيە پرېزىدېنتلىرى فرانسىيەنىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنى ياۋروپا سىياسىتىنىڭ يىراق نىشانى قىلغان تەقدىردىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما فرانسىيەنىڭ بانكا سىستېمىسى ۋە سانائىتىنىڭ جەنۇبىي ياۋروپاغا بولغان خەتىرى قاتتىق ئاشكارىلىنىپ چىقتى، ئۇ مالىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىنىڭ بىرى. يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغان چاغدا، فرانسىيە بانكىسىنىڭ گرېتسىيەگە بولغان خەتىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى 58 مىليارد ياۋروغا يەتكەن، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر. شۇڭا، فرانسىيەنىڭ سىياسىي ئىتتىپاققا ئەمەس بەلكى مالىيە ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ مايىللىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. ئەمما ئەگەر باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى فرانسىيەنىڭ قىزىقىشىنى قوبۇل قىلسا ھەمدە ياۋروپا ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان بىر گەۋدىلىشىش يولىنى داۋاملاشتۇرسا، فرانسىيەنى سىياسىي ئىتتىپاقنى قوللاشقا قايىل قىلالايدىغان ھەرقانداق كۈچ بولۇنمايدۇ.
ئېھتىمال تراگېدىيەلىك پارىژ تېررورىزىملىق قىرغىنچىلىق فرانسىيەنىڭ سىياسىي بىر گەۋدىلىشىشكە بولغان بىزارلىقىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، بەزىدە قوللاشقا موھتاج بولىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز كۆرسىتىپ بەردى، شۇڭا ياۋروپا سىياسىي ئىتتىپاقى قۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىياسىي ئىتتىپاقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ فرانسىيەنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، فرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىمۇ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسىيە، ۋېنگرىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەقسىملەش تۈزۈمى ئارقىلىق مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
ياۋروپادا سىجىل، مۇقىم، گۈللەنگەن ئىتتىپاق قۇرۇشنى سىناق قىلغاندا، ئامېرىكا ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق ئۇتۇق قازانغان ئىتتىپاقلارنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ۋە شۋېتسارىيەلەر ھەربىي-مۇداپىئە ئىتتىپاقىدىن باشلاپ، كېيىن ئاندىن تەرەققىي قىلىپ مالىيە ئىتتىپاقى بولغان. ئۇلار نەچچە ئون يىل ھەتتا يۈز يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى خام چوت شەكىللەندۈرگەن ھەمدە كىرىمنى قايتا تەقسىملەشكە قاتناشقان. ئۇلار يەككە ئىشتات ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە قوغلاشقان مالىيە ۋە پۇل ياردىمىنى يولغا قويۇشنى چەكلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەڭپۇڭسىز مالىيە بىر گەۋدىلىشىشنى داۋاملىق قوغلاشماسلىقى، بەلكى چوقۇم بارلىق كۈچى بىلەن سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلىنى يولغا قويۇشى كېرەك، بىر گەۋدىلەشكەن ساقچى قىسىمى، ئورتاق پاناھلىنىش قانۇنى، يەككە دىپلوماتىيە سىياسىتى، ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلىككە كەلگەن ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر يېقىنقى ۋەقەنىڭ بىزگە نېمىنى ئۆگەتكەنلىكىنى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان تەھدىت مالىيە خەتىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىك خىرىسىدا ھەمدەمدە بولۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved