چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر بازار ئانالىزچىسى ئالما شىركىتىنىڭ ‹‹Titan›› توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ 2021-يىلى ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى، باھاسىنىڭ 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.
يېقىندا، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتى Piper Jaffray نىڭ ئانالىزچىسى Gene Munster بىر تۈرلۈك پەرەزنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ‹‹Titan›› توكلۇق ئاپتوموبىل تۈرى بىر تۈرلۈك بەش يىللىق پىلان بولۇپ، مەخپىي ياسىلىۋاتقان يېڭى ئاپتوموبىل 2019-يىلى ياكى 2020-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 2021-يىلىدىن باشلاپ سېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ئانالىزچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما ئاپتوموبىلىنى ئالما شىركىتى ئۆزى لايىھەلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %80 نى سىرتقا ھۆددىگە بېرىدىكەن. باھا جەھەتتىن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 488 مىڭ يۈەن) ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل تۈرىدە بەلگىلىك خېيىم-خەتەر بولۇپ، بۇ يىل يىل بېشىدىكى بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ‹‹Titan›› تۈرىنىڭ باش مەسئۇلى Steve Zadesky تەتقىقات ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالما شىركىتىدىن ئايرىلغان. بىراق بۇ ئانالىزچى يەنىلا ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالما ئاپتوموبىلنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ئاز دېگەندىمۇ %50 ئۈمىد بار دېگەن.
Munster نىڭ قارىشىچە، ئالمىنىڭ ‹‹Titan›› تۈرى ئەترىتى ئىنتايىن چوڭ بىر كوللېكتىپ بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا، ئالما شىركىتىدە ‹‹نەچچە يۈز ئادەم›› توكلۇق ئاپتوموبىل تۈرىگە قاتناشقان؛ ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل بۇ تۈرنىڭ ئادەم سانى 1000 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، توكلۇق ئاپتوموبىل ئالما شىركىتىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەمدە بولىدىغان بولغاچقا، ئالمىنىڭ بۇ تۈردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.
ھالبۇكى، بۇ ئانالىزچىنىڭ ئالما شىركىتى توغرىسىدىكى پەرەزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئالما تېلېۋىزورى توغرىسىدىكى پەرىزى خاتا بولۇپ چىققان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved