ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇگەيرنى 8-دېكابىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرنى قوبۇل قىلىشىنى توسۇشى كېرەك.
مۇگەيرنى شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىشلىرى بويىچە مىنىستىرى ئوركەن بۇزقىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مۇگەيرنى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش، چەتئەللىكلەرنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلىرىگە قاتنىشىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى توسۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ماسلىشىش جەھەتتە ئىجابىي ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved