روسىيە پەن-تەتقىقات تارماقلىرى يېقىندا بىر خىل جەڭ قىلالايدىغان ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ماشىنا ئادەمنىڭ جەڭ قىلىش ماھارىتى ئىنسانلاردىنمۇ قېلىشمايدىكەن. روسىيە زۇڭتۇڭى-ۋىلادىمىر پۇتىن 20-چېسلا كۈنى جەڭ قىلالايدىغان بۇ ماشىنا ئادەم بىلەن ‹ يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەن› بولۇپ، پۇتىن يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، روسىيە كەلگۈسىدە يۇقىرى پەن تېخنىكا ئارقىلىق ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ دېگەن.روسىيە زۇڭتۇڭى-پۇتىن شۇ كۈنى روسىيىنىڭ Kotelniki تىكى روسىيە مەركىزىي پەن تەتقىقات نازۇك مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسىگە بېرىپ، مەزكۇر ئاكادىمىيىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ماشىنا ئادىمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
بۇ خىل ماشىنا ئادىمىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھەقىقىي ئادەم بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ماشىنا ئادەمنىڭ بېشىغا كۈمۈش رەڭلىك تۆمۈر قالپاق كىيدۈرۈلگەنىدى. ماشىنا ئادەمنىڭ پۇت قىسمى ۋە ئىككى قولىدىكى مېخانىك قۇرۇلمىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىغا سېنزور سەپلەنگەن بولغاچقا، بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى يىراقتىن كونتىرول قىلغىلى بولىدىكەن.پۇتىن بۇ خىل جەڭ قىلالايدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرگەندىن كېيىن يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا ئادەم پۇتىن قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مەشىق رايونىدا تۆت چاقلىق دالا موتسىكلىتىنى مىنىپ، ئارقا ئارقىدىن بەش پاي ئوق ئېتىپ نومۇر كۆرسەتتى.
روسىيە مەركىزىي پەن تەتقىقات نازۇك مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەر قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خىل ماشىنا ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى تولۇق بولۇپ، ئادەتتە ئىنسانلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغانىكەن. بۇ خىل ماشىنا ئادەم ھەر خىل جايلاردا مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدىغان بولۇپ، ھەر خىل يەر شەكىللىرىگە ماسلىشالايدىكەن، شۇنداقلا يەنە ماشىنا ھەيدەش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايدىكەن.
مەزكۇر ئاكادىمىيىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى زۇڭتۇڭ پۇتىنغا جەڭ قىلالايدىغان ماشىنا ئادەمدىن باشقا يەنە ئۆزلىرى ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان قوغداش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قورال-ياراغلارنى كۆرسەتتى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved