لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە نېپالدا 8.1 بال يەر تەۋرىدى.تەۋرەش مەركىزى شىزاڭنىڭ رېكازې شەھىرى چىلوڭ ناھىيەسى چېگراسىغا 43 كىلومېتىر، نىيىلام ناھىيەسى چېگراسىغا 42 كىلومېتىر كىلىدۇ.يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە رېكازې شەھىرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان .دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ چېگراسى ئىچىدە 20 ئادەم قازا قىلىپ ، نەچچە مىڭ ئادەم يارىلاندى.بۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭنىڭ نىيلام، چىلوڭ، دىڭرى قاتارلىق ناھىيەلىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچىرىدى.نۆۋەتتە،شىزاڭدا 1191 ئائىلە ۋە بىر ئىبادەتخانا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. 5828 ئۆي ۋە 54 ئىباەتخانا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. 58 ئالاقىلىشىش ئاساسىي پونكىت زىيانغا ئۇچرىغان. رىكازىدىن نىيلام ناھىيەسىگە،نىيلام ناھىيەسىدىن جاڭمۇ پورتىغا قاتنايدىغان يول ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. كۆپ يەرلەردە لاتقا-شېغىللىق ئېقىنى، تاغ گۈمۈرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان.چىلوڭ ناھىيەسىدە توك پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان.
بۈگۈن سائەت بىردە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان جاڭمۇ بازىرىدىكى ئالاقىلىشىش سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمىگەن.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى لاسا، شىنىڭ،گىئىرمۇ،ۋۇخەن قاتارلىق تۆت رايوندىن 5000 چېدىر، 30000 پاختىلىق چاپان، 30000مىڭ پاختىلىق يوتقان،15000 قاتلانما كارىۋات، 15000 ئۇخلاش خالتىسىنى ئاپەت رايونىغا يۆتكىگەن. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved