جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشتا ھەق ئېلىنمايدۇ

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار 2014–يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ ، ئوقۇش ھەققى ، ئوقۇتۇش ماتېرىيال ھەققى قاتارلىقلار ھەممىسى ھەقسىز قىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاست ، يەنى قەشقەر ۋىلايىتى ، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ھەقسىز قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .

 


مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئىكەن : جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ ، شىنجاڭ مالىيەسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا 600 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم بېرىپ ، مەكتەپنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىيال ھەققى بىكار قىلىنىدۇ ، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ تارقىتىدۇ ؛ ۋىلايەت ، ئوبلاست ، ناھىيە ( شەھەر) لەر مالىيەسى شۇ يەرلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .

 


جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2013–يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى . 2–قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت ، ئوبلاستلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى ، تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىمۇ سىياسەت يۈرگۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى .



16-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek