جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 6-ئىيۇل مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتە ئىراق يەرلىك بىخەتەرلىك قىسمىغا تايىنىش كېرەك، ئامېرىكىنىڭ ھازىر چەتئەللەرگە بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشقا ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانى يوق. ئوباما شۇ كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىنادا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: يەرلىك بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە تايانغاندىلا ئاندىن تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتە ئۇزۇن مەزگىللىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئوباما شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى يەرلىك بىخەتەرلىك قىسمىنى مەشىقلەندۈرۈش، ھازىر ئىلگىرلەش ئاستا بولماقتا.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved