ئىراق زۇڭلىسى ئاباد تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراقنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاباد باغدات خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراقنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىجابىي ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن نۆۋەتتە غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسى ۋە شىمالىدىكى مۇسۇل شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىمىز غايەت زور خىرىسقا ئۇچرىماقتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ قوراللىقلارنىڭ ئىراققا كىرىشىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاباد مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىراق بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشىنى، ئىراقنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى كۈتمەكتىمەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved