بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .85-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارالىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شۇ يەر ۋاقتى 5-مارتتىن 15- مارتقىچە رەسمىي تۈردە جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدۇ .ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق سودىگىرى ئاستون مارتىن مۇسابىقە يولىغىلا ئاتاپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ۋۇلكاننى ئېلىپ كەلدى .دۇنيا بويىچە 24 تىسىلا سېتىلغان بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدىسىگە كاربون تالاسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ يەتتە لىتىرلىق ئv12بېنزىنلىق ماتور سەپلەنگەن .ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 800 ئات كۈچىدىن ئاشىدۇ .بۇ يېڭى پاسوندىكى ئاپتوموبىلنى پەقەت كەسپى مۇسابىقە ھەيدەش تەجرىبىسى بار ئاپتوموبىل ئىگىلىرىلا ھەيدىيەلەيدۇ .شۇڭا ئاستون مارتىن ھەر بىر سېتىۋالغۇچىغا ئەنگلىيىلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرى دارونتېنا تەمىنلىگەن شەخسى تەربىيىلەش دەرسلىكىنى تەقدىم قىلماقچى بولغان .
ئىتالىيىنىڭ ساڭلىق ئاپتوموبىل سودىگىرى فارارى يېڭى پاسوندىكى ئاپتوموبىلنى ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى فارارىنىڭ ئەڭ كلاسسىك ئاپتوموبىل تىپى gtb308نىڭ لايىھىسىنى ئەندىزە قىلغان .ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى 3.9 لىتىرلىق 8vقوش تۇرۇبىلىق ماتور سەپلەنگەن .قوزغىلىپ سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا چىقىش ئۈچۈن پەقەت 8.3 سىكونىت كېتىدۇ . سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 330 كىلومېتىرغا يېتىدۇ .
ئوخشاشلا ئىتالىيەدىن كەلگەن ھامبۇرگھى شىركىتى بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل ئېلىپ كەلدى .lp750-4تىپلىق بۇ ئاپتوموبىل قىسقىغىنە 2.8 سىكونىتىلا قوزغىلىپ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ .ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا بارىدۇ .مەيلى ئىقتىدارى ياكى باشقا تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە بولسۇن يېڭى تىپتىكى بۇ ئاپتوموبىل پۈتۈن كۆرگەزمىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .
85-نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شۇ يەر ۋاقتى 5-مارتتىن 15-مارتقىچە رەسمىي ئېچىلىۋاتىدۇ . بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە دۇنيادىكى 220 ئاساسلىق ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىنىڭ 900دىن كۆپ ئاپتوموبىلى كۆرگەزمىگە قۇيۇلىدۇ .ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 700 مىڭدىن كۆپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىنى جەلپ قىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved