كېلەر يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىدا قانداق يېڭى يۈزلىنىشلەر بولىدۇ؟

 


- مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئالتە مۇھىم نۇقتا توغرىسىدا

 


شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 

ئىقتىساد چېكىنىش بېسىمى كۈچىيىۋاتىدۇ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟ قۇرۇلمىنى تەڭشىگەندە مۇقىم ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىسلاھاتتا قانداق مۇھىم نۇقتىلار بار؟ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى روشەن شەرھلەندى.

 


يۈزلىنىشلەرگە نەزەر: توققۇز چوڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتىن يېڭى نورمال ھالەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

 


ھازىرقى ۋەزىيەتنى تونۇپ، كەلگۈسى يۈزلىنىشكە توغرا ھۆكۈم قىلىش كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى. يىغىندا بىر يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەر ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ‹‹توققۇز چوڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش››ئارقىلىق شەرھلىنىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى تارىخىي دىيالېكتىكىلىق نۇقتىدىن تەھلىل قىلىندى.


يىغىندا مۇنۇلار دېيىلدى: ھازىر ئېلىمىز ئىستېمال ۋە سېلىنما ئېھتىياجى، ئىمپورت ۋە خەلقئارالىق كىرىم – چىقىم، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ تەشكىللەش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ نىسپىي ئەۋزەللىكى، بازار رىقابىتى ئالاھىدىلىكى، بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسى، ئىقتىسادىي خەۋپنىڭ جۇغلىنىشى ۋە پەسىيىشى، بايلىق تەقسىملەش ئەندىزىسى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلى جەھەتلەردە يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق باسقۇچقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جەنبىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئىلگىرى كۆپچىلىك يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە نىسبەتەن ھەر خىل قاراشلاردا بولدى، ھەتتا يېڭى تۇراقلىق ھالەت ئىقتىسادنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىغانلارمۇ چىقتى. مەركەزنىڭ بۇ قېتىم يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق بەلگىلىشى كىشىلەرنى قارىشىنى توغرىلاپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى توغرا، ئىدراكىي، ئوبيېكتىپ تونۇشقا يېتەكلەيدۇ››.


يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى تۇراقلىق ھالەتنى تونۇپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي لوگىكىسى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇراھال سۈرئەتتە ئېشىش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، قۇرۇلمىنى چوڭقۇر تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىش يېڭى تۇراقلىق ھالەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى.


مۇشۇ ئاساستا، يىغىندا يەنە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بازار ۋە ئىستېمال پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىش، ئىجتىمائىي مۆلچەرگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق يېڭى تۇراقلىق ھالەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا گەۋدىلىك ئەھمىيەت بېرىلدى.


‹‹يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە يۈزلىنىش، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا بىر جەريان كېتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە قانداق قاراش بىلەن قانداق قىلىشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تونۇشنى توغرىلىماي تۇرۇپ ئىنېرتسىيەلىك تەپەككۇر بىلەن ئىشلەشكە ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ›› دېدى جاڭ جەنبىن.

 


ئېشىشقا نەزەر: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇھىم ھالقا

 


يېقىندا ئېلان قىلىنغان 11 – ئايلىق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ،PPI (سانائەت باھا ئىندېكسى)بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 تۆۋەنلىگەن، ئۇدا 33 ئاي داۋاملاشقان مەنپىي ئېشىش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھازىر بىرقەدەر زور چېكىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، مۇقىم ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى ئەكس ئەتتۈردى.


يىغىندا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹‹سۈرئەتنى تەڭشەش بىلەن بىللە ھالەتنى ئۆزگەرتمەسلىك››، ‹‹ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىش›› قاتارلىق كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


جاڭ جەنبىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش نىشانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش زۆرۈر. نىشان بىر قەدەر يۇقىرى بېكىتىلسە، تىرىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولسىمۇ، ۋەزىپە زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىسىز››.


يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا بۇ ئىككىسىنى قارىمۇ قارشى قىلىپ قويماسلىق كېرەك، گۈللەنمە كەسىپلەردە قوشۇش ۋە كۆپەيتىش قائىدىسىنى قوللانغاندا مەھسۇلات مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


‹‹كېلەر يىلى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش گۈللەنمە كەسىپ ساھەسىدە سېلىنما سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ›› دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلىم – پەن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ يەنشېڭ.


‹‹ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭشەش ھەرگىزمۇ ئىشنى ئاز قىلىش ياكى ئىش قىلماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا، مۇھىمى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئېشىش قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك››، دېدى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شىجىن.

 


ئىسلاھاتقا نەزەر: گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 


يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم خاسلىققا ئىگە ھەم ئۇزاق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.


جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى مەسلىھەت بېرىش، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە قەدەم قويدى، تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتىدا نۇرغۇن يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ‹‹ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيەت ھەم كونكرېت مەسىلىلەر تۇتقا قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىللىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پايدىلىق بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك››.


يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەمۇرىي تەستىق، سېلىنما، باھا، مونوپول كەسىپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى، كاپىتال بازىرى، پۇقراۋى بانكا ئىجازىتى، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك.


‹‹ئىسلاھاتتا ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ 1 – سېپىدە بولغاچقا، ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولىدۇ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشتە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزۈش بىلەن ئاساسي قاتلامنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەش ھەم ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك››، دېدى ۋاڭ جۈن.


گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانا، بازار شۇنداقلا ئامما ئىسلاھاتنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا، لېكىن ئىسلاھات تەدبىرلىرى كونكرېت تارماقلار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ‹‹ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئادەتتە ئۆزىنىڭلا مەنپەئىتى ۋە مەسىلىسىنى كۆزلىگەچكە، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەشەببۇسكارلىقى يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى چوقۇم كۈچەيتىپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئاممىغا باھالىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك››.

 


خەلق تۇرمۇشىغا نەزەر: ئوتتۇرىچە سانغىلا ئېسىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

 


يىغىندا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


‹‹بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە سىياسەت بەلگىلەشتە تايىنىدىغان ئاساس. ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىتىدا بىردەك ئۆزگىرىش بولماقتا، تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى تەكىتلەش ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەلىپى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى››، دېدى جاڭ لىچۈن.


يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆپرەك يۈزلىنىپ، نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرىچە سانغىلا ئېسىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەركەزنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئىككى مۇھىم تۆۋەن چېكىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىمائىي ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە نىشان ۋە ئالاھىدە توپنى كۆزلەپ كۈچەش كېرەك.
‹‹تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كېلەر يىلى بازار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك›› دېدى ۋاڭ جۈن.

 


رايون تەرەققىياتىغا نەزەر: كونا، يېڭى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەڭ يولغا قويۇلىدۇ

 


يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى تېپىش جەھەتتە، يىغىن ئەھلى دىققەت – نەزەرىنى يېڭى رايونلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە قاراتتى، يەنى، ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> ئىستراتېگىيەسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، كېلەر يىلى ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك››. شۇنىڭ بىلەن بىللە يىغىندا يەنە ‹‹غەربىي رايوننى ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىمنى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايون باشلامچى بولۇش››تىن ئىبارەت رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش گەۋدىلىك تەكىتلەندى.


جاڭ جەنبىن مۇنداق دېدى: يىغىندا رايونلار سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، يەنى ماس تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش تېخىمۇ تەكىتلەندى.


‹‹كەلگۈسى رايون تەرەققىياتىدا <بىر بەلباغ، بىر يول> ئىستراتېگىيەسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى نۇقتىلىق يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ ئىلگىرى بېكىتىلگەن كونا رايونلارنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى يولغا قويۇلمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى يېڭى، كونا يىرىك پىلاننى تەڭ يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈش مۇھىم››، دېدى جاڭ جەنبىن.


2015 – يىلى يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟ يىغىندا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹سەۋرچان بولۇش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك››، ‹‹ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق رايون قورغىنى ۋە مەنپەئەت قامىلىدىن بۆسۈپ چىقىش››، ‹‹<كۆپ خىل پىلاننى بىرلەشتۈرۈش>نى پائال ئىلگىرى سۈرۈش››، ‹‹ئېنېرگىيە تىجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش››...كېرەك.


جاڭ جەنبىن مۇنداق دېدى: بۇ بىر جەھەتتىن شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، يەرلىكتىن سەگەك ۋە ئالاھىدە سەۋرچان بولۇپ، قارىغۇلارچە يېڭى رايون قۇرۇش، زىيادە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي شەھەر قۇرۇشنى شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ.

 

 


ئېچىۋېتىشكە نەزەر: ‹‹ئۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش›› يېڭى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى

 

 


دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، دۇنيا ئومۇمىي ئېھتىياجى تۇراقسىز بولۇۋاتقان، تاشقى ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز داۋالغۇۋاتقان شارائىتتا، كېلەر يىللىق ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟


يىغىندا بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلدى: ‹‹ئىچكى – تاشقى ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت – ئېكسپورتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چەت ئەل مەبلىغى كىرگۈزۈش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش كېرەك››.
‹‹<ئۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش> ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى قايتىدىن بېكىتىپ بەردى، بازار، سودا ۋە سېلىنما قۇرۇلمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك››، دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى خۇاڭ ۋېي.

 


خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ئەندىزە ئېلىمىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۇنيادىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك چېكىنىۋاتىدۇ، ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋاتقان تاشقى ئېھتىياجنىڭ ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ جۇڭگودىن تەڭشەش ئارقىلىق ئىچكى – تاشقى ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئېكسپورتقا تايىنىپ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشنى ئىچكى ئېھتىياجغا تايىنىپ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە – ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش قاتارلىق ئىدىيەلەرنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ‹‹جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى››نى نامايان قىلىدىغان بۇ لايىھەلەر خەلقئارا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىدە جۇڭگونىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
31-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek