ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 9- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ، بوشلۇقتىكى ئابتوبۇس شىركىتى 2050-يىلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئايروپىلاننىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرغان .
بوشلۇقتىكى ئابتوبۇس شىركىتى كىشىلەرنىڭ 2050-يىلىدىكى ئايروپىلانغا بولغان ئارزۇسى ھەققىدە تەكشۈش ئېلىپ بېرىپ ، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ كېلەچەكتىكى ئايروپىلانلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىدا ياسىلىشىنى ، كىشىگە ھوزۇربەخش ئېتىدىغان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان . شۇنىڭ بىلەن ، بۇ شىركەت 2050-يىلىدىكى ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 2050-يىلىدىكى ئايروپىلاندا ئارام ئېلىش ئۆيى ، ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى ، قەھۋەخانا بار بولۇپ ، يولۇچىلار ئايروپىلاندىمۇ بەدەن ئۇۋۇلىتىپ ، مۇنچىغا چۈشەلەيدىكەن ، بەدەن چىنىقتۇرالايدىكەن ، مال سېتىۋالالايدىكەن .
بۇ ئايروپىلاندا بىئو-مولېكۇلالىق پەردە بار بولۇپ ، تېمپېراتۇرا ، نەملىك ۋە يورۇقلۇقنى ئۆزلىكىدىن تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئايروپىلان ئۆز-ئۆزىنى تازلىيالايدىكەن .
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved