مەنبە: سوخۇ IT تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، پەن-تېخنىكا بىلوگى تورى PhoneArea نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچى شېركەت بولغان CitigroupCapitalMarkets نىڭ قىياس قىلىشىچە، بۇ يىل ئالما شېركىتىنىڭ Foxconn غا 90 مىليون دانە iPhon6 ئەقلىي فونىنىڭ نىڭ زاكاس تالونىنى بېرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
يۇقىرىقى مەبلەغ سېلىش شېركىتىنىڭ خادىمى بولغان WeiChenنىڭ دېيىشىچە ، بۇ يىل ئالما شېركىتىنىڭ زاكاس مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ساندىن %24 ئاشقان. 2013-يىلى ئالما شېركىتىنىڭ زاكاس مىقدارى 2012-يىلدىكىدىن %13 ئاشقان.
گەرچە بۇ يىلقى زاكاس مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان بولسىمۇ، قىياس قىلىنىشىچە بۇ يىلقى پۈتۈن دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفوننىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقى ٪40تىن ٪28كە چۈشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بازىرى مۇكەممەل بولغان شېركەتلەرنىڭ بولسا ئۆتكەن يىلقى ٪5 تىن ٪4 كە چۈشىدىكەن.
Mizuho ئاكسىيىسى خادىمى ئابىي لامبا Abhey Lamba ئالما شېركىتىگە تۇتقان قارىشىدا، ئالما شېركىتى ئەڭ تېز دىگەندە 7-ئايلاردا 4.7 دىيۇملۇق iPhone6 نى، كەينىدىن كۈز پەسلىدە 5.5 دىيۇملۇق iPhoneنى ئېلان قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved