BRT2 -لىنىيەسى 19 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ۋە قايتىش ۋاقتىدا قىسمەن بېكەتلەردە يولۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، قىستاڭچىلىق كۆرۈلىدىكەن. 16-ئاپرېل، BRT ئىككىنچى لىنىيەسى تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېن ۋېنگېنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ -كېتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ ئەترەت ئۈرۈمچى شەھىرى شەمشادلىق يولى، قىزىلتاغ، سەككىز قەۋەت قاتارلىق بېكەتلەرگە جىددىي ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەر قانداق ۋاقىتتا بېكەتتىكى ئوقۇغۇچىلار توشۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، BRT2 -لىنىيەسىگە جەمئىي 91 ئاممىۋى ئاپتوبۇس سەپلەنگەن بولۇپ، يىنچۈەن يولىدىن خوڭچىياۋغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپلەر كۆپ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەن-قايتقان ۋاقىتتا، BRT بېكىتىدە ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.
چېن ۋېنگېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يول لىىنىيەسى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، مائارىپ ئىنستىتۇتى، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردىن ئۆتىدۇ. ئاپتوموبىل ئەترىتى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەندە 8:30 دىن 9:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)غىچە، چۈشتىن كېيىن 17:30دىن 19:10 (بېيجىڭ ۋاقتى)غىچە بولغان ۋاقىتتا مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. ئوخشىمىغان ۋاقىت نۇقتىسىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىل ئەترىتى بەزى چوڭراق بېكەتلەرگە جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرغان، ناۋادا مەلۇم بىر بېكەتتە ئوقۇغۇچىلار كۆپ يىغىلىپ قالسا، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىكەن. بېكەتتىكى خادىملارمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved