لەگلەك تورى تەرجىمىسى پايدىلىنىش ئۇچۇرى تورى 15 - ئىيۇل خەۋىرى : شەرقى ياۋروپادىن يىراق ياۋروپاغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ كۆزەتكۈچى ئايروپىلان ، كۈرەشچى ئايروپىلان ، بومباردىمانچى ئايروپىلانغا بولغان ئىھتىياجى كۈنسىرى يۇقرى بولماقتا . لېكىن يۇقرى دەرجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ دىيىشچە خامچوت ئازلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ،پەقەتلا كونا ئايروپىلانى ئىشلىتىشكە مەجىبۇر . ئۇلار قومانداننىڭ تەلىپىنى ناھايىتى تەستە ئورۇندايدۇ .
ئامېرىكا 《 مۇداپىيە ئىشلىرى خەۋىرى 》ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى بىر سان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شىتاتىنىڭ قوماندانى مېك خوسدىچى يېقىندا زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى : بىزنىڭ نام ئابرويىمىز ناھايىتى يۇقرى ، لېكىن بىزنىڭ كۈچىمىز خامچوتنىڭ كىمىيىشگە ئەگىشىپ ئاجىزلاشماقتا .جوسدىچنىڭ قارىشچە نام ئاتاق بىلەن ئىقتىدار ھەممىسى يۇقرى پەنتېخنىكىلىق قۇراللاردىن كېلىدۇ . مەسلەن F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى مسالغا ئالساق . يېڭى تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن تېىىمۇ كۆپلىگەن كۆزەتكۈچى ئايروپىلان F- 35 كۈرەشچى ئايروپىلانى بولسا ھاۋا ئارمىيىسى ، دېڭىز ئامىيىسى ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ چىققان يېڭى بىر كۆرۈنمەس ئايروپىلان . ئۇنىڭ ياساش باھاسى 400 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى ، ئۇ ياساش تەنەرخى يۇقرى بولۇشتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىدۇ .
كېيىن قالغان كۆزەتكۈچى ئايروپىلاننى يېڭىلاش ۋە F - 35 كە بولغان خامچوتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 يىللىرىدا ياسىغان A - 10 ھۇجۇمچى ئايروپىلاننى چىكىندۈرمەكچى بولدى . ئۇنىڭ ئورننى كۆپ ئىقتىدرالىق كۈرەشچى ئايروپىلار ئالىدۇ . ئۇنداق قىلغاندا 3 مىليارت 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تىجەپ قالىدۇ . ھازىر بۇ پىلان پارلامىنت تەرپىدىن رەت قىلىنىدى . بىر قىسم ئەزالار بۇنىڭ ئىقتىدارى A - 10 غا يەتمەيدۇ .
خوسچىدى مۇنداق دېدى : مەن پات ئارىدا A-10 نى ساقلاش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن ، لېكىن ئۇنى داۋاملىق ئۇچۇرۇش توغرىسدا خامچوت يوق .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved