جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ28-كۈندىكى تېلگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، تەيۋەن دوڭسېن خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلشىچە، تەيۋەن گاۋشىيوڭ شەھرىدە بىر ۋاڭ فامىللىك قىز ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ئىجارە ئېلىپ تۇرۋاتقان ئۆيىنىڭ سىرتىدا ئۇزۇنلىقى 4CM كىلدىغان بىر سۈۋەرەكنى بايقىغان ھەمدە قاتتىق قورقۇپ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچى خادىمى ‹‹خەلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش›› پىرىنسىپىغا تاينىپ يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈۋەرەكنى يۇقۇتۇپ بەرگەن. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قارشىچە بۇ قىزنىڭ قىلمىشى بەكلا ئاشۇرۋەتكەنلىك بۇلۇپ جەمئىيەت مۈلكىنى ئىسراپ قىلغانلىق بۇلدىكەن.
ساقچى تەرەپ نەچچە كۈن ئىلگىرى يېرىم كىچىدە ۋاڭ فامىللىك قىزنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قارشى تەرەپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغان ئېغزىدا پەقەتلا ‹‹تىز مىنى قۇتقۇزۋېلىڭلار›› دىگەن سۆزنى تەكرارلىغان. ساقچى خادىمى ئەھۋال ئىنتايىن جىددى بەلكىم قارا نىيەتلەر تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان دەپ قاراپ ناھايتى تىزلىكتە نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغان. نەتىجىدە مەلۇم بۇلشىچە ئەسلىدە ‹‹خەلىق ئۈچۈن سۈۋەرەك يۇقۇتۇش ›› ئىكەن.
ئىگەللىنشىچە ۋاڭ فامىللىك قىز ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن دېرىزنى ئېچىپ قۇيۇپ ھاۋا ئالماشتۇرغان، كۈتۈلمىگەندە بىر دانە سۈۋەرەك ئۆي ئىچىگە كىرۋالغان ھەمدە ئۇياقتىن -بۇياققا ئۇچۇپ بۇ قىزنى قاتتىق قورقۇتۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچى خادىمى نەخ مەيدانغا يىتىپ بېرىپ كىتاب ئۈستىلدە تۇرغان سۈۋەرەكنى ئاسانلا تۇتۋېلىپ دېرىزە سىرتىغا تاشلىۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن بۇز قىزنىڭ قورقۇنچىمۇ ئاخىرلاشقان.
بۇ ئىشقا قارىتا ساقچى تەرەپنىڭ كۆرسىتىشچە، ئۇلار پەقەت بۇ قىزنىڭ پىسخىكا توسالغۇسىنى دەپلا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان قىلغان، ئەمما ئاممىنىڭ بۇندىن كىيىن جەمئىيەت مۈلكىنى ئىسراپ قىلماسلىقنى مۇراجىئەت قىلغان.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved