ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى شەھەرگە سىرتتىن كەلگۈچىلەرگە كەڭ قۇچاق ئېچىش پۇرسىتى بېرىپ، تۈزۈم ئاساسىغا ئىگە بولغان «شەھىرىمىزگە كەلگەن ئىكەنسىز، سىز ئۆز ئادىمىمىز» دېگەن چاقىرىقنى ياڭراتتى.
بىر دوستۇم گوۋۇيۈەننىڭ «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى» نىڭ كېلەر يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «‹ئاخىر› ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ۋاقىتلىق ئولتۇرمايدىغان بولۇپتىمەن، ‹ئاخىر› كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن ئىككى جايغا قاترىمايدىغان بولۇپتىمەن» دەپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدى. بىرلىككە كەلگەن ھوقۇق بېرىلگەن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىشتىكى «بوسۇغا» نى تۆۋەنلىتىپ قالماستىن، پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ئاساسىي پاراۋانلىقنى رامكىلىدى، بۇ 253 مىليون كۆچمە نوپۇستىكىلەرگە تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئەركىن كەلگۈسىنى ئاتا قىلدى.
ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىر باشلىنىش، ئۇ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇت بىر قەدەمنى ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىمىغانلىقتىن، كىچىك شەھەرلەردە ئاللىقاچان «دانىشمەنگە تەشنا بولغان» دەك ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىدى، لېكىن پەۋقۇلاددە چوڭ شەھەرلەرگە نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇش چەكلىمىسى يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق. باشقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سانسىزلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىسلاھاتى بىر «ئىشىك» ئېچىلغانغا ئوخشاش ئىش بولدى، ئۇ كىشىلەرگە ئۈمىد ۋە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئاتا قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى يولغا قويۇش نوپۇس ئىسلاھاتىغا پايدىلىق ئۆتكۈنچى باسقۇچ». دەرۋەقە، نۇرغۇن شەھەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتكەن، شۇنداقلا بۇنداق كىنىشكىسى بارلارنى نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىپ بولغان. ھەتتا پەۋقۇلاددە چوڭ شەھەر شاڭخەيمۇ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرى بويىچە نوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ بولغان، بېيجىڭمۇ بۇ ئۇسۇل بويىچە نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىغان. «دۆلەت نۇسخىسى» دىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك قاتلامدا تۇرۇپ بىرلەشتۈرۈشكە، كېيىنكى قەدەمدىكى نوپۇس ئىسلاھاتى ئۈچۈن زۆرۈر تەجرىبە توپلاشقا ۋە شارائىت ھازىرلاشقا پايدىلىق.
ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر ئىسلاھات «ھايت دېگۈچىلا ھۇيت» دەپ ئەمەلىيلىشىشىپ بولالمايدۇ، ئۇ كەينى - كەينىدىن كېلىدىغان يېڭى رىقابەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئەڭ ئاساسىي ئاممىۋى پاراۋانلىقمۇ بىر قىسىم جايلارنىڭ دەل ۋاقتىدا سىياسەت تۈزۈپ يۇقىرىنىڭ ئىسلاھات قەدىمىگە ماسلىشىشىغا، جايلارنىڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇدۇللاش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىشىگە موھتاج بولىدۇ، شۇڭا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ «ئالتۇن تەركىبى» نى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ئارىلىق» تا يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، تۈزەش ئامىلىنى خەلقنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى» غا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان توسالغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
ئىلگىرى كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى «سەرسان قەلبلەر قاچان ئەمىن تاپىدۇ؟» دېگەن تەشۋىشكە بۈگۈنكى كۈندە بىر ئېنىق جاۋاب چىقتى. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ھەربىر شەھەرگە سىرتتىن كەلگەنلەرگە كەڭ قۇچاق ئېچىش پۇرسىتى بېرىپ، تۈزۈم ئاساسىغا ئىگە بولغان «شەھىرىمىزگە كەلگەن ئىكەنسىز ئۆز ئادىمىمىز» دېگەن چاقىرىقنى ياڭرىتىپ، سەرسان قەلبلەرنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈردى. مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا سىرتتىن كەلگەنلەردە ئاندىن ئۆزىنى تېخىمۇ بېغىشلاشتەك ئاكتىپلىق پەيدا بولىدۇ، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاندىن تولۇق ئۇرغۇتۇلىدۇ، جۇڭگونىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قەدىمى ئاندىن تېخىمۇ مەزمۇتلىشىدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved