11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاك كېتىش، ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئالدى بىلەن 9-بىنادىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش قارار قىلىنغان.
لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2-رايونى 9-بىنادا 96 ئائىلىلىك تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2012-يىلى سېلىنغان. ئاھالىلەر كۆچۈپ كىرىپ بىر يىلدىن كېيىن بىنا تاملىرى يېرىلىپ، بىنا ئۇلى ئولتۇرۇشۇپ، نۆۋەتتە بىنادا قىيسىيىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.لەنجۇ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىنانى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېغىرلىق چۈشىدىغان تام قۇرۇلمىسىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش كۈچى نورمال ئىشىلتىش تەلىپىنى قاندۇرالمىغان بولۇپ، بىنانىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدە خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
![]() |
دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved