ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىشىنىڭ چېگرىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈۋەتتى

ئۈندىدارنىڭ روياپقا چىقىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلەرگە ئاز بولمىغان باش ئاغرىقىمۇ ئېلىپ كەلدى. يېقىندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈندىدار روياپقا چىققاندىن بېرى، ئۆزىنىڭ دائىم باشلىقى تەرىپىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىنىڭمۇ قالمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. يېقىندا جۇڭگو ياشلار گېزىتى جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 2086 نەپەر كىشىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشتە زىيارەت قىلىنغان %53.3 ئادەم ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن دەپ قارىغان بولسا، يەنە %47.3 ئادەم بولسا ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تۇرمۇشىنىڭ چەك چېگرىسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتتى دەپ قارىغان.


مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان لىيۇ مەيچى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىدارىسىدىكى بەش ئۈندىدار خىزمەت توپىغا قوشۇلغان بولۇپ، بۇ بەش ئۈندىدار توپى بولسا ئوخشىمىغان خىزمەت تۈرى ۋە ئوخشىمىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقانىكەن. ئەگەر بۇ تۈر خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا لىيۇ مەيچى كۈنىگە نەچچە يۈز تال ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدىكەن.


ليۇ مەيچىنىڭ قارىشىچە، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى بۇ ئۈندىدار توپىدىكى توختىماي كېلىۋەرگەن ئۇچۇرلاردىن بىزار بولۇشقا باشلىغان. ‹ئاران بىر ئىشتىن چۈشۈپ ئارامخۇدا ئولتۇرغاندا، بۇ ئۈندىدار توپىدىكى خىزمەت ئۇچۇرلىرى توختىماي كېلىۋەرگەن، ھەتتا بەزىدە باشلىقلار يېرىم كېچىدىمۇ بۇ توپتا قول ئاستىدىكىلەرگە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بەزىدە ئەمدى ئۇيقۇدىن كۆز ئېچىپ يانفونغا قارىسىمۇ، يەنە شۇ بىر تالاي خىزمەت ئۇچۇرلىرى تۇرغانلىقتىن، ئادەم خۇددى خىزمەت تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كېتىلگەندەك ھېسسىياتقا كېلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن›.


ئۇنىڭ قارىشىچە، ‹ئۈندىداردا ئىش بېجىرىش قۇلاي شۇنداقلا ئۈندىداردىكى مۇناسىۋەتلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق چەكلىمە قويۇلمايدىغان بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تۇرمۇشىنىڭ چەك چېگرىسىنى بارغانسېرى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كېتىۋاتقان› ئىكەن.


چېڭدۇدىكى مەلۇم چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان جىياڭ جىياۋخۇا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۈندىدار توپىغا ئەزا بولۇپ قوشۇلغانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ نەپەر رەھبىرى ئوخشاش بولمىغان خىزمەت توپى قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، جىياڭ جىياۋخۇانىڭ ئۆزىمۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن باشقا ئۈندىدار توپى قۇرغان. ئۈندىدار جىياڭ جىياۋ خۇانىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق قىسمىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىك بولمايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا تاماق يېگەندىمۇ، ئاپتوبۇس ساقلىغاندىمۇ خىزمەت توپلىرىدىن كەلگەن ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنى توختىماي كۆرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.


تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلغان %52.3 ئادەم ئادەتتە كۈنىگە بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۈندىدارغا چىقىدىكەن. تەكشۈرۈشتە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈندىداردا ئەڭ كۆپ قىلىنىدىغان ئىش بولسا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ( %68.1) بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈندىداردىكى دوست-تونۇشلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى يەنە دوستلار چەمبىرىكىدىكى ھالىتىنى كۆرۈش ( %62.8) ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈندىدار ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش (%51.2) بولغان. %28.5 تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار دائىم ئۈندىداردا خىزمەتداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن (ئەلۋەتتە خىزمەت ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشىدۇ).


ئۈندىدارنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان تەسىرى جەھەتتە، %53.3 تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ‹ئۈندىداردا ئالاقىلىشىش ئاسان بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ› دەپ قارىغان، يەنە %25.4 تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ بولسا ‹ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۆلۈپ، زېھنىنى چېچىۋېتىدۇ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ› دەپ قارىغان. %47.3 تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ قارىشىچە، ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش تۇرمۇشىنىڭ چەك چېگرىسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدىكەن. يەنە %32 كىشىنىڭ قارىشىچە، ‹ ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم شەخسىي تۇرمۇش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەن›. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە %23.8 تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ قارىشىچە، ‹ ئۈندىدار شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، سېمىنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن›. %11.3 تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولسا ‹ ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى› دەپ قارىغان.


لىيۇ مەيچىنىڭ قارىشىچە، ئۈندىدار ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، چۈنكى ‹ئۈندىداردا ئالاقىلىشىش ئاسان بولغاچقا، باشلىقلاردىن قاچاي دەپمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن›. ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن سېمىنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇپ لىيۇ مەيچىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشى چوقۇم ئېنىق چەك چېگرا بىلەن ئايرىلىشى لازىم ئىكەن.


لېكىن چېڭدۇدىكى جىياڭ جىياۋ خۇانىڭ قارىشىچە بولسا، خىزمەت بىلەن تۇرمۇش ئەسلىدىلا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۈندىدار پەقەت بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ‹قويۇق› لاشتۇرغان.



خەتكۈچلەر:
31-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
Powered by Leglek