شىنلاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 26-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان 25-چىسلا 2015-يىللىق مالىيە خام چوت لاھىيىسىدە مالىيە قىزىل رەقىمى 38 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىندى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە شۇنداقلا 2009-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن مالىيە قىزىل رەقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى كابىنتى قارار قىلغان مالىيە خام چوت لاھىيىسىدىكى مالىيە چىقىمى 860 مىليارد رىيال (تەخمىنەن 229 مىليارد 300 مىليون دوللار) بولۇپ، مالىيە كىرىمى بولسا 715 مىليارد رىيال (تەخمىنەن 190 مىليارد 700 مىليون دوللار) ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە ۋەزىرى ئەساپ (Asaph) مۇنداق دېدى، گەرچە قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان يەنىلا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نىفىت باھاسى چۈشۈش ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك ئىقتىسادى كۈچ بار. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، نىفىت باھاسى چۈشكەن بولسا چوقۇم ئۆرلەيدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدىنقى يىلىدا نىفىت باھاسى دەۋرىدە 750 مىليارد دوللارلىق تاشقى پىرىۋوت ياراتقان. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا مالىيە ۋەزىرىگە ھوقۇق بېرىپ تاشقى پىرىۋوت ياكى قەرز ئارقىلىق مالىيە قىزىل رەقىمىنى تولدۇرۇشنى بۇيرىغان.بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، خەلقئارادا نىفىت باھاسى ھەر تۇڭ نىفىت 120 دوللاردىن بىراقلا 60 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
بىراق مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ دۇنيادىكى نىفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە نىفىت ئىكىسپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت- سەئۇدى ئەرەبىستان بۇرۇنقى نىفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كىمەيتمەي يەنىلا ئوخشاش نىسبەتتە ساقلاپ كەلدى، يەنى كۈندىلىك نىفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا توققۇز مىليون 600 مىڭ تۇڭ بولۇپ تۇرىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش مەسىلسىگە قارىتا نىفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كىمەيتمىگەن باشقا دۆلەتلەرمۇ بىرلىشىپ بازار باھاسىنى كونتىرول قىلىشقا ئۇرۇندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved