4-ئىيۇن ، ‹‹ ماتاڭ پادىشاھى ›› ئادىل مەمەتتۇراق يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرغان شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سالاھىيىتىدە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ‹‹ مياۋشېڭ چۈجە چىقىرىش كارخانىسى ›› بىلەن رەسمىي ھالدا ئىسراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالاپ ، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ جىنيا، مۇئاۋىن دىرېكتورى جياڭ چۈنياڭلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ماتاڭ ياساش ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى .
ئادىل مەمەتتۇراق ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچى جياڭ جىنيا ، جياڭ چۈنياڭلار شىنجاڭ ، خۇنەن ، خۇبېيدىن كەلگەن بولۇپ ، چاڭشا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ . بۇ ئۈچ ياش 2012-يىلى ‹‹تاۋباۋ ›› تورىدا بىر ماتاڭ سېتىش تور دۇكىنى ئېچىپ ، كۈنىگە 3000 يۈەن ئەتراپىدا سودا قىلدى . بۇ يىل 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تارقىتىشى بىلەن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، سودىسى تېخىمۇ جانلىنىپ ، ھەر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى ھەسسىلەپ ئاشتى ، بەزى كۈنلىرى ھەتتا بىر كۈندە 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved