خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق پۇتبول چولپىنى زىدانى يېقىندىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان شەخسكە ئايلاندى. ئىسپانىيەدىكى نوپۇزلۇق تارتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسى فىلورىنتىنو باش تىرىنىر بىنتىزنى ئىشتىن بوشۇتۇپ قالسا، ئۇ ھالدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى زىدانىنىڭ قولىغا ئىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
زىدانىي خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ۋە ھۆرمەتلىنىدىغان ئادەم بولۇپ، بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە رەئىس فىلورىنتىنونىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەينى يىللىرى زىدانىي يۇۋىنتۇستىن مادرىدقا قوشۇلۇپ، مادرىد مەستانىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مادرىد كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرمۇ زىدانىينىڭ تىرېنېرلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مادرىد ئىككىنچى سەپ كوماندىسى كاستىلاغا تىرېنېر قىلىپ بېكىتكەن.
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ئەنچىلوتتى تىرېنېرلىق قىلغان مەزگىلدە، زىدانى ياردەمچى تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ بىر يىلدا مادرىد خىلى كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. زىدانىي توپچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە بېشىدىن خىلى كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ توپچىلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى مەۋجۇتلۇقى بىنتىز ئۈچۈن ناھايىتى زور بېسىم بولۇپ، ئۇ قانداق قىلىپ توپچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر زىدانىي راسلا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ قالسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ پەسىل ئاخىرلىشىشى ھامان كوماندا قامچىسىنى قولغا ئىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئىشلار ھازىر ئانچە بەك يامانلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، مادرىد تەرەپنىڭ سەۋر تاقىتى توشسىلا، بىنتىزنى يولغا سەپ قويۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور بولۇپ، بۇ چاغدا زىدانىيمۇ كوماندىنى يېتەكلەشكە قارىتا ياق دېمەيدىكەن.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ مادرىد تەييارلىق كوماندىسى بولغان كاستىلانىڭ بىردىنبىر تىرېنېرى، ئەمما ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا، ئۇ بىرىنچى سەپ كوماندىسىدىكى بارلىق توپچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ كوماندىدىكى نۇرغۇن توپچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ باققان. ناۋاس، كاسىلىيا، دانىلو، كىروس، جامېس قاتارلىق ئاز ساندىكى توپچىلارلا زىدانىي بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ باقمىغان. كاۋاخار، ناچو، كاسمىرو، لوكاس قاتارلىقلار بولسا زىدانىينى تەييارلىق كوماندىسىدىكى ۋاقتىدىلا تولۇق چۈشىنىپ بولغان. كوماندىدىكى ئاساسلىق توپچىلار بولسا زىدانىيغا بۇرۇندىنلا قايىل ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved