گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى يېقىندا 663-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئېلان قىلدى، «نىزام» 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«نىزام» جەمئىي 23 ماددا بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جايلارنى داۋاملىق شارائىت ھازىرلاپ تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈردى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچى، مەجبۇرىي مائارىپ، ئاساسىي جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق توققۇز ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش قاتارلىق يەتتە قولاي مۇلازىمەت؛ ئىككىنچى، پەلەمپەيسىمان ھوقۇق بېرىش مېخانىزمى ئارقىلىق جايلاردىن پائال شارائىت ھازىرلاپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنى تەمىنلەيدىغان جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولاي مۇلازىمەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ۋە قەرەللىك جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ ئولتۇراشلىق جاينىڭ دائىملىق نوپۇسىغا ئىلتىماس قىلىش، تىزىملاش يوللىرى ۋە ھەر قايسى شەھەرلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved