بىر نەپەر كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسى ئالما خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكىنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كود قاچىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. يەنە كېلىپ بۇ خىل بۇزغۇنچى كودنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن، ھەتتا پۈتۈن قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ پايدىسى يوقكەن.
بۇ خىل خەتەرلىك كود Thunderstrike دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ھازىرچە ئۇنى بايقاش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن سېستىمىنى پالەچ قلىۋېتەلەيدۇ. بۇ خىل كود ئەڭ يېڭى ھەم مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ يادروسىغا يوشۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە ھېچقانداق ۋېرۇس تازىلاش دېتاللىرى ئۇنى تاپالمايدىكەن . نيۇيورك ئۇچۇر بىخەتەرلىكى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسىسى خادسون بۇ خىل ۋىرۇسنى توسۇشنىڭ ئامالىنى تەتقىق قىلماقتا . خادسون ئاۋال بىر ئالما كومپيۇتېرىنى چۇۋۇپ قوزغىتىش كودى(Boot rom) غا كىردى ئالما كومپىيۇتېرىنىڭ مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچىنىڭ ئىچىدە ئالدىن قاچىلانغان كود بار بولۇپ ، ئاساسىي مەشغۇلات سېستىمىسى يوق ياكى قوزغىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا كومپىيۇتېرىنى قوزغىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. زىيانلىق كود بەلكىم مۇشۇ جايغا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل خەتەرلىك كودلار ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىغا يوشۇرۇنىۋالىدىغان ۋىرۇس بىلەن ئوخشىمايدۇ. پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ. مانا بۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان bootkit ھۇجۇمى . بۇ خىل كود ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچى خالىغان ئىشىنى قىلالايدۇ . كومپىيۇتېر ئىگىسى پۈتۈنلەي سەزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كومپيۇتېردىكى ھەرقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ئەگەر بۇ خەتەرلىك كودتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېستما ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە ، ئالما سېستىمىسى پۈتۈنلەي ھالاك بولىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەڭ ياخشى ئامال يەنىلا كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرىۋېتىش بولسا كېرەك.
خادسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۈسكۈنە بولغانلىقتىن ھېچقانداق بىخەتەرلىك دېتالى ئۇنىڭدىكى كودنى تەكشۈرەلمەيدۇ، مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچىدىكى ۋىرۇس ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىككىلىك بۇيرۇق كودى ئارقىلىق كومپىيۇتېرنى بىۋاستە كونترول قىلىدۇ ، مەشغۇلات سېستىمىسىغا تايانمايلا مائۇس ۋە كۇنۇپكىنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاستە نازارەت قىلىدۇ . سېستىما قوغداش كارتىسى ، سېستىمىنى يېڭىلاش ، سېستىمىنى قايتا قاچىلاش ، قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرۇش ، SSD نى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاماللارنىڭ ھېچقايسىسى كار قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ۋىرۇس قاتتىق دىسكىدا ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved