جۇڭگو خەۋەر تورى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى جابارىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار لاگىرىدىكى مەكتەپنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، بۇ ۋەقەدە 16 ئادەم قازا قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى:«تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىنمۇ ئارتۇق نومۇسسىز قىلمىش بولمىسا كېرەك» دېدى. ئۇ ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
ئىسرائىلىيە بولسا مەكتەپ يېنىدىغان ئېتىلغان مىناميوت ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئەگەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ مەكتەپكە خاتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى مەكتەپ پارتلاش بىلەن بىرگە، شەرقىي قىسىمدىكى بىر كۆكتات بازىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. پەلەستىن ئەمەلدارى دېيىشىچە، پۈتكۈل غەززەدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved