جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ قايغۇلۇق ئېلانى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 13-،14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش چياۋ شىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 7 دىن 08 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى: يولداش چياۋ شى 1924-يىلى 12-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدا مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىلىقىغا سايلانغان. 1987-يىلى 11-ئايدا يولداش چياۋ شى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.
1993-يىلى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقىلىقىغا سايلانغان. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى، نازارەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. 1992-يىلى 11-ئايدا يولداش چياۋ شى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى شەكلىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى بېكىتىلگەن. يولداش چياۋ شى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىقتىسادنى تېزلىتىش قانۇنى تۈزۈشنى 1-مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇن سىستېمىسى رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن قارار لايىھەسى يۈزدىن ئېشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىغا پۇختا ئاساس سالغان. ئېلاندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يولداش چياۋ شىنىڭ ھاياتى ئىنقىلابى ھايات، جەڭگىۋار ھايات، شانلىق ھايات، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلاب ھاياتىدا، يۈكسەك كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي چەتنىمەي، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتى بىلەن ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن زور يوقىتىش.
بىز يولداش چياۋ شىنىڭ ئىنقىلابى روھى، ئالىيجاناب خىسلىتى ۋە ئىلغار ئىستىلىدىن ئۆگىنىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved