چارشەنبە 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1078 دوللار ئەتراپىدا بولغان، پۈتكۈل دۇنيا پايچىك بازىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ئامىللار خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەت پۈتكۈل دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا جۇڭگو ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى، جۇڭگو ئىقتىساد ئېشىش ئەندىشىسىنى قوزغاتتى، بۇنىڭ تەسىرىدە خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى بولغان.
2016-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئالتۇن بازىرى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەمدە پايچىك بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولغان. دۈشەنبە كۈنى جۇڭگو پايچىك بازىرى چوڭ دائىرىدە چۈشكەن. بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:15 دە، كىچىك غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكا 12-ئايلىق ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن بازىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ADP سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.5314 يۈەن؛
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved