شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 20-يانۋار تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ ھەمراھلىقىدا ‹‹چاسا ئوردا››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:00 لەردە، شى جىنپىڭ ‹‹چاسا ئوردا›› يېتىپ بارغاندا، پادىشاھ سالماننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىلىچ ئۇسسۇلى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزگىچە نومۇرلىرىنى كۆردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ بىلەن سالمان ئەرەب قەھۋەسى ۋە ئەرەب ئالاھىدە تامىقىغا ئېغىز تەگدى. شى جىنپىڭ يەنە پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىز ھايات پائالىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پادىشاھ سالمان ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇردى.
‹‹چاسا ئوردا›› سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت قۇرغان پادىشاھى ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ئوردىسى بولۇپ، 1936-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىنىپ، 1945-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە سىرتقى شەكلى چاسا شەكىلدە بولغانلىقتىن ‹‹چاسا ئوردا›› دەپ ئاتالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved