مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تېز يوللانما 58 مىليون 33 مىڭ پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%24.54 ئاشقان.
ئۈرۈمچى، كورلا، غۇلجا شەھىرىنىڭ تېز يوللانمىلىرى ئايرىم –ئايرىم 45 مىليون 610 مىڭ 600، بىر مىليون 814 مىڭ 900، 982 مىڭ 500 پارچىگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 764 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%8.74 ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved