ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، يېقىندا شىنجاڭ ياش تور خىزمەتچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹ساغلام تور، ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ›› تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ساغلام تور مۇھىتى يارىتىپ، ياشلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش تور مەدەنىيەت پىدائىيلىرى ھەرىكىتى تەشەببۇسنامىسى››نى ئوقۇپ چىقتى. ۋەكىللەر ئىنتېرنېت تورىدا ئىجابىي تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش، تور مۇھىتىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى، شۇنداقلا تەجرىبە ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹باغداش›› تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان مۇنداق دېدى: ساغلام تور مۇھىتى يارىتىشتا ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تور ئىشلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قانۇنلۇق، مەدەنىي تور قۇرۇپ، ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشى، تور ئەھلى ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي، ئاڭلىق، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان تور ئەھلىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved