ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ-يوق؟

ئۇكرائىنانىڭ شەرقى رايونىدا ئۇرۇش توختىغىلى بىر ھەپتە بولدى، توقۇنۇشتا گەرچە ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىمىشىنى ئۆز-ئارا ئەيىبلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما كەڭ دائىرىدىكى توقۇنۇش توختىدى، توقۇنۇش بولىۋاتقان رايون بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك تىنجىدى.


ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورۇشىنكو يېقىندا ھۆكۈمەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شەرقى قىسىمدىكى دونىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنسىك ئوبلاستىنىڭ بەزى رايونلىرىنىڭ ئالاھىدە ئورۇندىن بەھرىمان بولۇش قانۇن لايىھەسى كېلەر ھەپتە پارلامنتقا تاپشۇرۇلۇپ قاراپ چىقىلىدۇ. بۇ ئۇكرائىنا دائىرلىرى تەرىپىدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر چوڭ قەدەم دەپ قارالدى، بۇ مەسىلىنى تۈپ يېلتىزىدىن ھەل قىلالامدۇ-يوق؟


ئۇكرائىنا دائىرلىرى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مۇشۇ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رايوندا ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرگە قارىتا «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»نى قوزغىدى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىر مەھەل ئۇرۇش مەيدانىدا ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قىلدى، ئۇكرائىنا دائىرلىرى ھاياجانلىنىپ، بىر ئاي ئىچىدە ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنى يۇقىتىدىغانلىقىنى، بارلىق شەرقىي رايوننى قايتىدىن كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئىش ئويلىغاندەك بولمىدى، ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر ھۆكۈمەتكە قارىشى ھۇجۇم قوزغاپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قايتىدىن زەربە بەردى. شەرقى قىسمىدىكى رايوننىڭ ئۇرۇش ئەھۋالى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرۇپلا قالماستىن يەنە ھەر كۈنى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن خادىم ۋە جابدۇق زىيىنى كېلىپ چىقتى.


مۇشۇنداق ئەھۋالدا، توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ۋە بەزى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر: ئۇرۇش داۋاملىشىۋەرسە ئىككىلا تەرەپكە زىيان بولىدىغانلىقىنى، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئېكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى. مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر بىلەن بىلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكىدا سۆھبەتلەشتى.
«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دائىرلىرى ئىزچىل شەرقىي قىسمدىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ كەلدى. ئۇكرائىنا دائىرلىرىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، مىنىسكىدا شەرقىي قىسىمدىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلات ۋەكىلى بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى چوڭ يول قويغانلىقكەن.


تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرلەش شۇكى، سۆھبەتتىن كېيىن ئىمزالانغان كېلىشىمىدە ئۇكرائىنا دائىرلىرى «دونىستىك بىلەن لوگەنسىك ئوبلاستىنىڭ بەزى رايونلىرىدا يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ۋاقىتىلىق تۈزۈم قانۇنى»نى ماقۇللاشقا قوشۇلدى، بۇ قىسقىچە «ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇكرائىنا دائىرلىرى ئۇرۇش توختۇتۇشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئېكەنلىگىنى، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ھەقىقىي تىنجىتىپ، شەرقى قىسىم رايونى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، چوقۇم يولغا قويغىلى بولىدىغان لايىھە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.


ئالاھىدە ئورۇن قانۇن لايىھەسى ھۆججىتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. بىراق ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنىڭ رەسمىي ئاتىلىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى، بۇ قانۇننىڭ يادرولۇق مەزمۇنى- دونىستىك بىلەن لوگەنسىك ئوبلاستلىرىنىڭ مەلۇم رايونىدا يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ھەمدە بۇ خىل ئاپتونومىيەگە بىر ۋاقىتلىق تۈزۈم ئورنۇتۇش. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

 

پورۇشىنكو مۇنداق دېدى: بۇ قانۇندا ئېنىق ھالدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: مۇناسىۋەتلىك رايون ئۇكرائىنا تەۋەسىدە ئالاھىدە ئورۇندىن بەھرىمان بولىدۇ. مىنىسكىىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، بارلىق دۇمباس رايونىدا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسى لوچىنكو مۇنداق دېدى: دونستىك بىلەن لوگەنسىكتىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسم ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر كونترول قىلغان رايونلارلا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇكرائىنا تەۋەسىدە «ئالاھىدە رايون» قۇرۇلىدۇ، بۇ ئالاھىدە رايون يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسمى بولىدۇ.


نۆۋەتتە ئاشكارلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ناھايىتى ئالاھىدە ئورۇنىغا ئىگە ئەمەسكەن، ئەمما ئۇكرائىناغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان ئىش بولۇپ، ئۇكرائىنا دائىرلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى زور يول قويۇشكەن. ئەمما ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەر بۇنى ئىتىراپ قىلمىدى.


ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ئۆز ئالدىغا جاكارلاپ قۇرغان «دونستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: ئۇكرائىنا دائىرلىرى ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ماقۇللىغان تەقدىردىمۇ، بۇ «دونستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بىلەن «لوگەنسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بىراق تىنچلىق ئۈچۈن، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قىسمەن مۇرەسسەلىشىشنى خالايدۇ.
«دونستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى پۇركىن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن مەدەنىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلۈك مۇناسىۋەتنى ساقلىغان ئاساستا مۇستەقىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇكرائىناغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس.


ناھايىتى روشەنكى، ھازىر بۇ قانۇن ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن ئىختىلاپىنى تولدۇرۇشقا ئامالسىز، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ تەس. دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۇكرائىنا دائىرلىرى چىڭ تۇرىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەك. ئەگەر ئەلئارا قۇراللىق كۈچلەرنى تېخىمۇ بەكرەك يول قويسۇن دەيدىكەن، يەنە جاپالىق سۆزلىشىش ئىلىپ بېرىشقا، ھەم بىر قەدەر ئوزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.



17-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek