تىنچلىق جۇڭگودىكى 1مىليارد 300مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە باغلىق

خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

باش شۇجى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىللەردە ،شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىستىر ئەسكەرلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى .بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالغان ئوفىستىر ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ،ھەر ۋاقىت پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ ،چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ تۆھپە قوشۇپ ،غەلىبىلىك جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەڭ ماھارەتلىرىنى جاپالىق مەشىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .


شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۈەنىنىڭ 6-لىيەنى ئۇيغۇر قىرغىز ،قازاق ،مۇڭغۇل ،خەنزۇ قاتارلىق ئالتە مىللەت ئوفىستىر ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىدى ،بۇ لىيەن مەركىزى كومىتىت تەرىپىدىن ۋەتەننى قوغداشتىكى قەھرىمان لىيەن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ،ئوفىستىر ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىدىن ناھايتى خوشال بولدى .رەئىس شى جىنپىڭ بۇ لىيەندىكى بۇ ئوفىستىر ئەسكەرلەرنى يوقلىغانلىقى ئۇلارغا نىسبەتەن بىر ئىلھام بولدى ،ئۇلار رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ ،لىيەننىڭ سىياسىي خىزمەت ،ھەربىي مەشق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .


بۇلتۇر قىسىمغا قاتناشقان قازاق جەڭچى ئەزىمەت كۆپ مىللەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان ،ئۇنىڭ بوۋىسى قازاق مومىسى ئۇيغۇر ،ئانىسى خەنزۇ ،ئەزىمەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەلىپىدىن ناھايىتى تەسىرلەندى .

ئۇ مۇنداق دېدى :. ئائىلىمىز كۆپ مىللەتلىك ئائىلە ،بىزنىڭ لىيەنىمىزمۇ كۆپ مىللەتلىك لىيەن ، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ ،لىيەنىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك ،مۇشۇنداق قىلغاندىلا لىيەن دۈينىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ ›.

شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى قىزل ئارمىيىنىڭ مەلۇم شىسى 1932-يىلى قۇرۇلغان ،غەربىي شىمالدىكى بۇ قىزىل ئارمىيە شىسى شەنشى ،گەنسۇ ،شىزاڭ ،شىنجاڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكىگە يۆتكىلىپ جەڭ قىلغان .

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ شى نىڭ شان شەرەپ ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ،ئوفىستىر ئەسكەرلەرنى شانلىق ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى .پۈتۈن شىدىكى ئوفىستىر ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل چىڭ ساقلاپ ،قىزىل ئارمىيىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ، ئۇرۇش قىلالايدىغان ،ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .


قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتى يۇقىرى تاپشۇرغان مۇھىم مانېۋېر ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان .ياڭ جو لۇڭ مۇنداق دېدى :‹ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان كۆرۈنۈش ئەسكەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىدى ،رەئىس شى جىنپىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتىمىزگە كېلىپ بىزنى يوقلىدى ،ئۇ بىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمىزنى ،ئادەتتىكى تۇرمۇش ئۆگىنىش مەشقلىرىمىزنىى ئىگىلىدى ،ئۇ ناھايىتى يېقىملىق سەمىمىي ئىكەن ،بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ ،ئۈچتە قاتتىق بۇلۇش تەلىپى بويىچە ،ئۈچ جەھەتتە ناھايىتى پىشقان تېررورلۇققا قارشى ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇپ چىقىپ ،قەشقەر شۇنداقلا ،شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ،خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز ›.پارتىيە خەلق خاتىرجەم بولسۇن ،رەئىس شى جىنپىڭ خاتىرجەم بولسۇن .
خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلايلى ،يولداش شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ،مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ›توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى . ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى :شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ،مۇقىملىق ئومۇمىيتىگە ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ،مىللەت ئىتتىپاقلىقى ،دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ،ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ ،ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ ، تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ،شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياخشى شارائىت يارىتىش لازىم .باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ،ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ غايەت زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى شەرھىلىنىپ ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق يۈرەك ساداسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ ،شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي تەلەپ ۋە مۇھىم تۇتقا كۆرسىتىپ بېرىلدى .

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى :بۇرۇندىن چېگرا رايون مۇقىم بولسا ،ئىچكى جايلا خاتىرجەم بولىدۇ ،چېگرا رايون قالايمىقان بولسا دۆلەت خاتىرجەم بولالمايدۇ دېگەن گەپ بار .مۇقىملىق تىنچلىق ،ۋە تەرەققىياتنى كۆزلەش شىنجاڭدىكى 22 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 300مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە باغلىق .ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلساقلا ،بارلىق بۆلگۈنچىلىك قەستنى بىتچىت قىلىپ ،بەخىتلىك شىنجاڭنى بەرپا قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات زور يۈكسىلىشىنى ۋە گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
06-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek